باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

جۇڭگو-قازاقىستان نېفىت تۇرۇبىسىدىن كىرگۈزۈلگەن خام نېفىت 100 مىليون توننىدىن ئاشتى

2017.04.01 14:16         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-ئاپرىل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 29-مارت چۈشتىن بۇرۇن سائەت 11دىن 58 مىنۇت ئۆتكەندە، جۇڭگو-قازاقىستان نېفىت تۇرۇبىسى ئارقىلىق جۇڭگوغا ئىمپورت قىلىنغان خام نېفىت ئومۇمىي مىقدارى 100 مىليون توننىدىن ئاشتى.

  2006-يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنى نېفىت رەسمىي ماڭدۇرۇلغاندىن بېرى، جۇڭگو-قازاقىستان خام نېفىت تۇرۇبىسى دۆلىتىمىزنىڭ قۇرۇقلۇق ئىمپورتىدىكى تۇنجى دۆلەت ئاتلىغان خام نېفىت تۇرۇبا يولى ھېسابلىنىدۇ. غەربتە كاسپى دېڭىزىدىكى ئاتلوتادىن باشلىنىپ، ئالاتاۋ ئېغىزىدا ئاخىرلىشىدۇ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 2798 كىلومېتىر بولۇپ، نۆۋەتتە يىللىق ئىمپورت مىقدارى 20 مىليون توننىغا يېتىدۇ. جۇڭگو-قازاقىستان خام نېفىت تۇرۇبا يولىدا رەسمىي نېفىت ماڭدۇرۇلغاندىن بۇيان، خام نېفىت مىقدارى يىلدا %20 سۈرئەت بىلەن ئاشۇرۇلۇپ، دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەش قۇرۇلۇشى مۇھىم كاپالەتكە ئىگە قىلىندى.

  2011-يىلىدىن باشلاپ. ئالاتاۋ تاموژنىسىنىڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشىدىكى خام نېفىت ئىمپورتى ئۇدا بەش يىل يىلدا 10 مىليون توننىلىق ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتتى؛ 2013-يىلى 1-ئايدا، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشىدىكى خام نېفىت ئىمپورت مىقدارى جەمئىي 50 مىليون توننىلىق ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتتى؛ 2015-يىلى 5-ئايدا، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشىدىكى خام نېفىت ئىمپورتى 80 مىليون توننىلىق ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا

ئالاقىدار خەۋەرلەر