باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

«ئۇيغۇر قېرىنداشلارغا خىتاب» خوتەن ۋىلايىتىدىكى ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرى ئارىسىدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى

دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، باتۇرلۇق بىلەن كۈرەش قىلىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن قوغدايمىز

2017.03.31 16:42         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خوتەن ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ مۇئاۋىن ۋالىيسى، ۋىلايەتلىك سىياسىي - قانۇن كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى غالىپ ئابلىمىت، خوتەن ناھىيەلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى مەتيۈسۈپ مەتتۇرسۇن، خوتەن ناھىيەسىنىڭ مۇئاۋىن ھاكىمى ھۆرىيەت مەتناسىر 3 - ئاينىڭ 29 - كۈنى چۈشتىن كېيىن زىيارىتىمنى قوبۇل قىلغاندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: كېرىيە ناھىيەسى جاي يېزىلىق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، يېزا باشلىقى ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇن يازغان «ئۇيغۇر قېرىنداشلارغا خىتاب»تا ئۇيغۇر كادىرلار، ئاممىنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە، ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزگە بولغان «مىننەتدارلىق كۈيى»، دۆلەت ۋە خەلققە بولغان «ساداقەتمەنلىك كۈيى» ۋە «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىشتىكى «ھەققانىيەت كۈيى» ياڭرىتىلدى، شۇنداقلا ئۇيغۇر كادىرلارنىڭ دادىل پوزىتسىيە بىلدۈرۈشتىكى مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشىمۇ ئەكس ئەتتۈرۈلدى.

  غالىپ ئابلىمىت مۇنداق دېدى: بىز جەزمەن «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ يۈزىگە قارا سۈركەپ، ئەۋلادمۇئەۋلاد ۋەتەنپەرۋەر، ئەمگەكچان، باتۇر، ئاق كۆڭۈل ئۇيغۇر خەلقىنى ئىزا - ئاھانەتكە قويۇپ، ئەسلىدىكى ئىناق، تىنچ، بەختىيار، گۈزەل كۈنلىرىمىزنىڭ خاتىرجەملىكىنى بۇزغانلىقىنى سەگەكلىك بىلەن تونۇپ يېتىشىمىز كېرەك. «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ رەزىل مەقسىتىنى ھەممە ئادەم بىلىدۇ، ئۇلار بارلىق ھىيلىسىنى ئىشقا سېلىپ پۈتۈن ئۇيغۇرلارنى ئالداپ، ئۆزلىرىنىڭ ۋەتەننى پارچىلاش جىنايى غەرىزى، سۇيىقەستىنى ئەمەلگە ئاشۇرماقچى. زوراۋان - تېررورچىلار ئۇيغۇرلارغا ئەسلا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ، ئۇلار ئۇيغۇرلار ئارىسىدىن چىققان مۇناپىقلار، نومۇسسىزلاردۇر. «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ غالجىرانە بۇزغۇنچىلىقىغا قارىتا ئۇيغۇر قېرىنداشلار چوقۇم قەتئىيلىك بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىپ، دىققىتىنى باش نىشانغا قارىتىپ، باش نىشان ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىپ، باش نىشاننى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، زوراۋان - تېررورچىلارغا بايرىقى روشەن ھالدا، مەردانىلىك بىلەن قىلچە قورقماي جەڭ ئېلان قىلىپ، ئاممىنى پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشتۇرۇپ، «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ سۇيىقەستلىك بۇزغۇنچىلىق ھەرىكىتىنى بىتچىت قىلىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىشى كېرەك.

  مەتيۈسۈپ مەتتۇرسۇن مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇر قېرىنداشلارغا خىتاب» ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، خوتەن ناھىيەسىدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما ئۇنى بەس - بەستە ئوقۇدى، مەن «خىتاب»نىڭ مەزمۇنىنى ئەستايىدىل تەكرار ئۆگىنىپ، چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە بولدۇم. ئۇيغۇر رەھبىرىي كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش مەسئۇلىيىتىنى جەزمەن زىممەمگە ئالىمەن. ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇنغا ئوخشاش ھەقىقەتنى چوڭقۇر چۈشىنىپ، ھەق - ناھەقنى ئېنىق پەرق ئېتىپ، «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ جىنايى ماھىيىتىنى ئېنىق تونۇپ، بايرىقىم روشەن ھالدا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداپ، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇپ، «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىمەن. مەن 30 يىلغا يېقىن خىزمەت قىلدىم، خوتەننىڭ يېقىنقى نەچچە ئون يىلدىن بۇيانقى غايەت زور ئۆزگىرىشلىرىگە شاھىت بولدۇم. بىز چوقۇم ھەر بىر ئۇيغۇر كادىر ۋە ئاممىنى ئىدىيەۋى تونۇشنى ئۆستۈرۈپ، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، باتۇرلۇق بىلەن كۈرەش قىلىشقا تەربىيەلەپ ۋە يېتەكلەپ، «ئۈچ خىل كۈچ» بىلەن بايرىقىمىز روشەن ھالدا كۈرەش قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن قوغداپ، ئىجتىمائىي ۋەزىيەتنىڭ مۇقىملىقىنى قوغدىشىمىز كېرەك.

  ھۆرىيەت مەتناسىر مۇنداق دېدى: ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇن پارتىيەلىك ئۇيغۇر كادىر بولۇش سۈپىتى بىلەن، دادىللىق بىلەن قەتئىي پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، پارتىيەگە بولغان مۇتلەق ساداقىتىنى ئىپادىلىدى، ئۇنىڭغا ئىنتايىن قايىل بولدۇم، بۇ ئۆگىنىشىمگە ئەرزىيدۇ. بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتلەردە مەن پارتىيەگە مۇتلەق سادىق بولۇپ، پارتىيە ئىشلىرىنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، خەلقنىڭ مەنپەئىتىنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلارنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، دادىللىق بىلەن قەتئىي پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى، جەمئىيەتكە قارشى، مەدەنىيەتكە قارشى زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىگە پوزىتسىيەمنى ئېنىق بىلدۈرۈپ، نۇقتىئىنەزەرنى يورۇتۇپ، قاتتىق ئەيىبلەپ، قەتئىي كۈرەش قىلىمەن. ئاممىغا تەشۋىق قىلىپ، ئاممىنى قوزغاپ، يېزا (بازار)لار بىلەن ئالاقىلىشىپ، ھەر بىر ئائىلە، ھەر بىر زاۋۇت، ھەر بىر مەكتەپ، ھەر بىر دۇكان، ھەر بىر ماگىزىنغا چوڭقۇر چۆكۈپ، پارتىيەنىڭ شەپقىتىنى پۇقرالارغا ئېنىق، ئوچۇق، تولۇق چۈشەندۈرىمەن، بولۇپمۇ دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ خەلققە، مىللەتكە، دۆلەتكە كەلتۈرىدىغان زىيىنىنى ئېنىق چۈشەندۈرىمەن. تەشۋىق ۋە تەربىيە خىزمىتى مەسئۇلىيىتىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن زىممەمگە ئېلىپ، تەشۋىق - تەربىيەنىڭ تولۇق قاپلىشىنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيەنىڭ شەپقىتىنى باشلامچىلىق بىلەن ئېسىمدە ساقلاپ، ۋەتەننى سۆيۈپ، قانۇنغا رىئايە قىلىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇققا زەربە بېرىپ، ئەسەبىي ئىدىيەگە قارشى تۇرۇپ، بىنورمال ھەرىكەتنى مەلۇم قىلىپ، تەشۋىق - تەربىيەگە قاتنىشىپ، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىشقا ماسلىشىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداپ، ئىشلارنى ئەستايىدىل پىلانلاپ، پۇختا ئىش قىلىش ياخشى كەيپىياتىنى يارىتىمەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر