باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

كۈچنى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشقا مۇجەسسەملەپ، مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئاممىغا چۈشەندۈرەيلى

«پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش توغرىسىدا» ناملىق ئاممىباب كىتاب نەشر قىلىندى

2017.03.31 16:10         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشى ئۈچۈن ياخشى ئىدىيەۋى، نەزەرىيەۋى كەيپىيات يارىتىش ئۈچۈن، مەركىزىي كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى نەزەرىيە ئىدارىسى مەركەزنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى ۋە مۇتەخەسسىس، ئالىملارنى تەشكىللەپ 2017-يىللىق ئاممىباب نەزەرىيەۋى ئوقۇشلۇق «پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش ھەققىدە» نى يېزىپ چىقتى. ھازىر بۇ كىتاب ئۆگىنىش نەشرىياتى ۋە خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن بىرلىشىپ نەشر قىلىنىۋاتىدۇ.

  بۇ كىتاب «نەزەرىيە قىزىق نۇقتىسى ھەققىدە» ناملىق يۈرۈشلۈك ئەڭ يېڭى ئوقۇشلۇق بولۇپ، ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە ئۇسلۇبى شۇكى، كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش داۋامىدا ئوتتۇرىغا قويغان قىزىق نۇقتا، قىيىن نۇقتا مەسىلىلىرىگە مەركەزلىك جاۋاب بېرىلگەن. مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6-ئومۇمىي يىغىنى بۇلتۇر 10-ئاينىڭ ئاخىرىدا يېپىلغاندىن كېيىن، مەركىزىي كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى نەزەرىيە ئىدارىسى كۈچ تەشكىللەپ چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى قانداق تونۇش، «يېڭى ۋەزىيەت ئاستىدىكى پارتىيە ئىچى سىياسىي تۇرمۇشى توغرىسىدىكى بىرقانچە مىزان» نىڭ ئاساسىي روھىنى قانداق ئىگىلەش، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پارتىيە ئىچى نازارەتچىلىك نىزامى» نىڭ مۇھىم مەزمۇنىنى قانداق چۈشىنىش، غايە ۋە ئېتىقادىنى قانداق مۇستەھكەملەش، پارتىيەنىڭ ئاساسىي لۇشيەنىنى قانداق ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش، پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامىنى قانداق چىڭىتىش، پارتىيەنىڭ خەلق ئاممىسى بىلەن بولغان قان بىلەن گۆشتەك يېقىن مۇناسىۋىتىنى قانداق ساقلاش، دېموكراتىيە-مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمى پىرىنسىپىدا قانداق چىڭ تۇرۇش، پاك دىيانەتلىك بولۇش سىياسىي خىسلىتىنى قانداق ساقلاش، پارتىيە ئىچى نازارەتچىلىك سىستېمىسىنى قانداق بەرپا قىلىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش، رەھبىرىي كادىرلار پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى ئىكەنلىكىنى قانداق چۈشىنىش قاتارلىق كىشىلەر كۆڭۈل بۆلىدىغان 11 قىزىق نۇقتا مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى. مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى يولداشلار ۋە مۇتەخەسسىسلەر، ئالىملار بۇ مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ چوڭقۇر مۇھاكىمە قىلىپ، مەركەزلىك يېزىپ ۋە تۈزىتىپ، كەڭ دائىرىدە پىكىر ئېلىپ، تەرەپلەرنىڭ ئەقىل-پاراسىتىنى مۇجەسسەملەش ئاساسىدا بۇ كىتابنى يېزىپ تاماملىدى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر