باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ لوپنۇر كۆلىنى ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈشتە بايقالغان قەدىمىي شەھەر خەن، جىن سۇلالىلىرى دەۋرىدىكى كىروران دۆلىتىنىڭ پايتەختى، دەپ پەرەز قىلىندى

2017.03.31 16:52         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: خەۋەر قىلىنىشىچە، شىنجاڭ ئارخېئولوگىيە خادىملىرى يېقىندا لوپنۇر تەۋەسىدە، كۆنچى دەرياسىنىڭ شىمالىي قىرغىقىدىكى ئارخېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈشتە خەن، جىن سۇلالىلىرى دەۋرىدىكى بىر كونا شەھەر خارابىسىنى ۋە ئۈچ جايدا خەن، جىن سۇلالىلىرى دەۋرىدىكى قەبرىستانلىقنى بايقىغان. ئارخېئولوگىيە خادىملىرى بۇ قەدىمىي شەھەرنىڭ شەكلى، قۇرۇلۇشى، بۇ جايدىكى يادىكارلىقلار ۋە ئالاقىدار ھۆججەت-ماتېرىياللارغا ئاساسەن، دەسلەپكى قەدەمدە تۇزبۇلاق قەدىمىي شەھىرى، دەپ نام بېرىلگەن بۇ قەدىمكى شەھەر خارابىسىنى بەلكىم كىروران دۆلىتىنىڭ پايتەختى بولۇشى مۇمكىن، دەپ قىياس قىلدى.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىلنىڭ بېشىدا، شىنجاڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئارخېئولوگىيە تەتقىقات ئورنىنىڭ ئارخېئولوگىيە خادىملىرى لوپنۇر كۆلى تەۋەسىدىكى قەدىمكى كىروران رايونىغا قارىتا ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرگەندە، كۆنچى دەرياسى تۆۋەن ئېقىمىنىڭ شىمالىي قىرغىقىدا شەرقىي خەن سۇلالىسىدىن ۋېي، جىن سۇلالىلىرى دەۋرىگىچە بولغان مەزگىلدىكى بىر قەدىمىي شەھەرنى بايقىغان، بۇ قەدىمىي شەھەرنىڭ غەرب تەرەپتىكى قەدىمكى يارداڭلىق قەبرىستانلىقى بىلەن بولغان ئارىلىقى 27 كىلومېتىر، شەرقىي جەنۇبىدىكى شىۋېتسىيەلىك ئېكسپېدىتسىيەچى سىۋىن ھېدىن بايقىغان كىروران قەدىمىي شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 57.5 كىلومېتىر كېلىدۇ. قەدىمىي شەھەر چۆللۈككە جايلاشقان، يېقىن ئەتراپتا كەنتلەر بولمىغاچقا، ئارخېئولوگىيە خادىملىرى تەبىئىي جاي نامىغا ئاساسەن بۇ قەدىمىي شەھەرگە تۇزبۇلاق قەدىمىي شەھىرى، دەپ نام بەرگەن.

  شىنجاڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئارخېئولوگىيە تەتقىقات ئورنىنىڭ كاندىدات تەتقىقاتچىسى خۇ شىڭجۈن: تۇزبۇلاق قەدىمىي شەھىرى كىروران بەگلىكىنىڭ پايتەختى بولۇشى مۇمكىن، سىۋىن ھېدىن 1900-يىلى بايقىغان كىروران قەدىمىي شەھىرى كىروران بەگلىكىنىڭ نامى پىشامشانغا ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىن پايتەختنى يۆتكىگەندە قۇرغان شەھەر بولۇشى مۇمكىن، دەپ قىياس قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر