خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 3-ئاينىڭ 30-كۈنى «خەلق»سارىيىدا، سېربىيە زۇڭتۇڭى نىكولىچ بىلەن سۆھبەتلەشتى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى جۇڭگو بىلەن سېربىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىگە تۈرتكە بولۇپ، ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ بەخت يارىتىشقا بىردەك قوشۇلدى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو - سېربىيە ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات ئىستىقبالى كەڭ. مەن بۇلتۇر 6-ئايدا سېربىيەدە مۇۋەپپەقىيەتلىك دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇپ، زۇڭتۇڭ ئەپەندى بىلەن «جۇڭگو- سېربىيە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتى ئورنىتىش توغرىسىدىكى بىرلەشمە بايانات»نى ئورتاق ئىمزالاپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى تارىخىي سەھىپىسىنى ئاچتۇق. جۇڭگو سېربىيە بىلەن بىللە ئىككى دۆلەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك، چوڭقۇر دوستلۇقىنى مۇستەھكەملەپ، ھەر قايسى ساھەلەردە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايدۇ. بىز يۇقىرى قاتلامدىكىلەر ئالاقىلىشىش ۋەزىيىتىنى ساقلاپ، ئىككى دۆلەت ھۆكۈمىتى، قانۇن چىقىرىش ئاپپاراتى، پارتىيەسى، يەرلىك ھۆكۈمەت قاتارلىق ھەر قايسى جەھەتلەردىكى خادىملارنىڭ ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، خەلقئارا ئىشلاردىكى ھەمكارلىق ۋە ماسلىشىشنى قويۇقلاشتۇرۇشىمىز كېرەك. «بىر بەلباغ، بىر يول»تەشەببۇسىنى سېربىيەنىڭ قايتا سانائەتلەشتۈرۈش دۆلەت ئىستېراتېگىيەسى بىلەن زىچ جىپسىلاشتۇرۇپ، ۋېنگىرىيە-سېربىيە تۆمۈريولى قاتارلىق قۇرۇلۇۋاتقان چوڭ تۈرلەرنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، ئورتاق سانائەت رايونى قۇرۇش ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ھەمكارلىقى، كەسىپ تەرەققىياتىنى ئۆزئارا ئىلگىرى سۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكى، بىئوتېببىي دورا، ھاسىلىي ئېنېرگىيە قاتارلىق جەھەتلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشىمىز كېرەك. ئىككى تەرەپ ساياھەت، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشىنى كېڭەيتىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ دوستلۇقىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىشىمىز كېرەك.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى