باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى دۆلىتىمىز ئىشلىگەن ئاۋىياماتكا قاتارلىق مەسىلىلەر توغرىسىدا مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى

2017.03.31 16:23         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىمىز 30-مارت ئۆتكۈزگەن قەرەللىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، دۆلەت مۇداپىئە مىنستىرلىقىمىزنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى ۋۇ چيەن جۇڭگو-ئامېرىكا ئىككى دۆلەت ئارمىيەلىرى مۇناسىۋىتى، ئارمىيە ئىسلاھاتى، دۆلىتىمىز ئىشلىگەن ئاۋىياماتكا تەرەققىياتى قاتارلىق مەسىللەردە ئېلىمىز ۋە چەت ئەل مۇخبىرلىرىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

  بۇ يىل ئەسكەر قىسقارتىش نىشانى ئۆز قەرەلىدە ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ

  300 مىڭ ئەسكەر قىسقارتىش توغرىسىدىكى خىزمەتلەرنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە، ۋۇ چيەن مۇنداق دېدى: ئارمىيەنىڭ كۆلەم قۇرۇلمىسى ۋە كۈچ تۈزۈلۈشى ئىسلاھ قىلىنىپ، ئىشتات قىسقارتىشقا قارىتا كونكرېت ئورۇنلاشتۇرۇش ئېلىپ بېرىلدى، ئىسلاھاتنىڭ قەدىمىگە بىرلەشتۈرۈلۈپ تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتىدۇ. بۇ يىل بېكىتىلگەن نىشان ئۆز قەرەلىدە ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ.

  دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن تۇنجى ئاۋىياماتكىنى قۇراشتۇرۇش خىزمىتى ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلماقتا

  بەزى تاراتقۇلار تەھلىل قىلىپ، دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن تۇنجى ئاۋىياماتكا 4-ئاينىڭ 23- كۈنى دېڭىز ئارمىيەنىڭ ئارمىيە بايرىمى كۈنىدە سۇغا چۈشۈرۈلۈشى مۇمكىن، دېدى. ۋۇ چيەن: ئېلىمىزنىڭ دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن تۇنجى ئاۋىياماتكىنى قۇراشتۇرۇش خىزمىتى قانات يايدۇرۇلماقتا، ئىلگىرىلەش ناھايىتى ئوڭۇشلۇق، دېدى.

  ۋۇ چيەن: تېخىمۇ ياخشى خەۋەرلەر كۆپچىلىكنى كۆپ ساقلاتمايدۇ، دېدى.

  بىرلىككە كەلتۈرۈشتە قورال كۈچى ئارقىلىق قارشى تۇرۇشنىڭ چوقۇم چىقىش يولى يوق

  تەيۋەن ھەربىي تەرەپكە قارىتىلغان «خەنگۇاڭ» ناملىق مانېۋىرغا قارىتا، ۋۇ چيەن مۇنداق دېدى: «92-يىلى ئورتاق تونۇشى»نى قوللاش، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تىنچ تەرەققىياتىنى قوغداش __ تەيۋەننىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىغا پايدىلىق. «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» بۆلگۈنچى كۈچلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ھەرىكەتلىرى — تەيۋەننىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىغا بولغان ئەڭ چوڭ تەھدىت.

  ۋۇ چيەن بىرلىككە كەلتۈرۈشتە قورال كۈچى ئارقىلىق قارشى تۇرۇشنىڭ چوقۇم چىقىش يولى يوق، دېدى.

  «سائاد»نى ئورۇنلاشتۇرۇشقا قارشى تۇرۇشنى جۇڭگو ئارمىيەسى ھەرگىزمۇ مۇنداقلا دەپ قويغان ئەمەس

  «سائاد»نى كورېيەگە ئورۇنلاشتۇرۇش مەسىلىسىگە مۇناسىۋەتلىك سوئالغا جاۋاب بەرگەندە، ۋۇ چيەن مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: «سائاد»نى ئورۇنلاشتۇرۇش كورېيەنى ھەرگىزمۇ تېخىمۇ بىخەتەر قىلمايدۇ؛ «سائاد»نى ئورۇنلاشتۇرۇشقا قارشى تۇرۇشنى جۇڭگو ئارمىيەسى ھەرگىزمۇ مۇنداقلا دەپ قويغان گەپ ئەمەس.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر