باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئۈرۈمچى شەھىرى بۇلاقتاغ رايونىدا قېزىپ بولۇنغان بىر كۆمۈركان رايونى ئولتۇرۇشۇپ كەتتى

چېن چۈەنگو، شۆھرەت زاكىر يارىدارلارنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قۇتقۇزۇشنى تەلەپ قىلدى

2017.03.30 16:38         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 28-مارت سائەت 4:30 ئەتراپىدا، ئۈرۈمچى شەھىرى بۇلاقتاغ رايونىنىڭ ئايئۆتكەل كۆمۈر كېنى (ئىشلەپچىقىرىشتىن توختىغان) ئەتراپىدىكى قېزىپ بولۇنغان بىر كۆمۈركان رايونىدا يەر ئولتۇرۇشۇپ كېتىش ھادىسىسى يۈز بېرىپ، شۇ رايوندىكى بىر ساقچى قاراۋۇلخانىسىدىكى تۆت كىشىنىڭ قازا قىلىشى، ئۈچ كىشىنىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. نۆۋەتتە، يارىلانغانلار دوختۇرخانىدا داۋالانماقتا ۋە ھاياتىغا خەۋپ يەتمىدى.

  ھادىسە يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر تېزلىكتە خىزمەتلەرنى ئورۇنلاشتۇردى، مىنۇت-سېكۇنتنىمۇ قولدىن بەرمەي، قاپسىلىپ قالغانلارنى ئىزدەش ۋە قۇتقۇزۇشنى، يارىدارلارنى قۇتقۇزۇشقا پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىشنى، ئۆلۈم-يېتىم ۋە يارىلىنىشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈشنى ۋە شۇنداقلا ھادىسە سەۋەبىنى تېز سۈرئەتتە تەكشۈرۈپ ئېنىقلاپ، ساۋاقنى چوڭقۇر قوبۇل قىلىپ، مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ھادىسىنىڭ يۈز بېرىشىدىن قەتئىي ساقلىنىشنى تەلەپ قىلدى.ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى شۈ خەيروڭ، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جۇ چاڭجيې، مۇتەللىپ قاسىم دەرھال ئوت ئۆچۈرۈش، سەھىيە-داۋالاش، جامائەت خەۋپسىزلىكى، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش نازارەتچىلىكى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ خادىملىرىنى باشلاپ نەق مەيدانغا بېرىپ، قۇتقۇزۇشنى قانات يايدۇرۇپ، ۋەقە سەۋەبىنى تەكشۈردى. نۆۋەتتە، شۇ جايدىكى ئاممىنىڭ كەيپىياتى تۇراقلىشىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ ئىجتىمائىي ئومۇمىيىتى مۇقىم ۋە ئىناق بولماقتا.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا

ئالاقىدار خەۋەرلەر