باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مالىيە مىنىستىرلىقى مەركەزنىڭ دۆلەت كاپىتالى تىجارىتىنىڭ خامچوتى، چىقىمى ئەھۋالىنى باشقۇرۇش ۋاقىتلىق چارىسىنى تارقاتتى

دۆلەت كارخانىسى كاپىتال كىرگۈزۈشتە ئۈچ خىل ئۇسۇل قوللىنىدۇ

2017.03.30 16:59         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقلىشى بىلەن مالىيە مىنىستىرلىقى يېقىندا دۆلەت كاپىتالى تىجارىتىنىڭ خامچوتىنى باشقۇرۇش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، مەركەزنىڭ دۆلەت كاپىتالى تىجارىتىنىڭ خامچوت، چىقىم ئەھۋالىنى باشقۇرۇشنى قېلىپلاشتۇرۇش ۋە كۈچەيتىش ئۈچۈن،«مەركەزنىڭ دۆلەت كاپىتالى تىجارىتىنىڭ خامچوت، چىقىم ئەھۋالىنى باشقۇرش ۋاقىتلىق چارىسى»(تۆەندە قىسقارتىلىپ«چارە»دەپ ئېلىندى)نى تارقاتتى.

  «چارە» مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: مەركەز دۆلەت كاپىتالى تىجارىتىنىڭ خامچوت، چىقىم ئوبيېكتى ئاساسلىقى دۆلەت كاپىتالىنى مەبلەغ سېلىش، تىجارەت قىلىش شىركىتى(قىسقارتىلىپ مەبلەغ سېلىپ تىجارەت قىلىش شىركىتى دەپ ئېلىندى) ۋە مەركەز كارخانا گۇرۇھى(قىسقارتىلىپ مەركەز كارخانىسى دەپ ئېلىندى) بولۇپ، يۆتكەپ كىرگۈزۈلگەن ئادەتتىكى جامائەت خامچوتى ۋە مەملىكەتلىك ئىجتىمائىي كاپالەت فوندىنى تولۇقلاشتىن سىرت، ئاساسلىقى دۆلەت كارخانىسىنىڭ تارىختىن قالغان مەسىلىسى ۋە ئالاقىدار ئىسلاھات تەننەرخ چىقىمى، دۆلەت كارخانىسىنىڭ كاپىتال كىرگۈزۈش، باشقا چىقملارنى ھەل قىلىشقا ئىشلىتىلىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە، دۆلەت كاپىتالى كىرگۈزۈشتە مەبلەغ سېلىپ تىجارەت قىلىش شىركىتىگە مەبلەغنى رويخەتكە ئالدۇرۇش، كەسپ مەبلىغى فوندىنى رويخەتكە ئالدۇرۇش ۋە مەركەز كارخانىسىغا مەبلەغنى رويخەتكە ئالدۇرۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىلىدۇ.

  «چارە»گە ئاساسەن، دۆلەت كارخانىسىنىڭ تارىختىن قالغان مەسىلىسى ۋە ئالاقىدار ئىسلاھات تەننەرخ چىقىمىنى ھەل قىلىش، مەبلەغ سېلىپ تىجارەت قىلىش شىركىتى بىلەن مەركەز كارخانىسىنىڭ دۆلەت كارخانىسى ئىجتىمائىي فونكسىيەسىنى ئايرىۋىتىشكە مەدەت بېرىش، دۆلەت كارخانىسىدا ساقلىنىۋاتقان تۈزۈلمە خاراكتېرلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، دۆلەت كارخانىسىنىڭ ئىسلاھات تەننەرخى قاتارلىق جەھەتلەردىكى چىقىملارغا ئىشلىتىلىدىغانلىقىنى كۆسىتىدۇ. دۆلەت كارخانىسىنىڭ تارىختىن قالغان مەسىلىسى ۋە ئالاقىدار ئىسلاھات تەننەرخى چىقىمىنى ھەل قىلىشتا مەخسۇس تۈر مەبلىغى باشقۇرۇلىدۇ، ئالاقىدار مەخسۇس تۈر مەبلىغىنى باشقۇرۇش چارىسىنى مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى تۈزىدۇ.

  دۆلەت كارخانىسى كاپىتالى كىرگۈزۈش، مەبلەغ سېلىپ تىجارەت قىلىش شىركىتى ۋە بىلەن مەركەز كارخانىسىنى دۆلەت ئىستىراتېگىيەسىگە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىشقا يېتەكلەپ، دۆلەت كاپىتالىنى كۆپرەك دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋە خەلق ئىگىلىكنىڭ جان تۇمۇرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك مۇھىم كەسپلەر ۋە ھالقىلىق ساھەلەرنىڭ كاپىتال خاراكتېرلىك چىقىمىغا ئىشلىتىشنى كۆرسىتىدۇ. كاپىتال كىرگۈزۈش مۇنداق ئۈچ ئۇسۇلى بار: بىرىنچى، مەبلەغ سېلىپ تىجارەت قىلىش شىركىتىگە مەبلەغنى رويخەتكە ئالدۇرۇش، بۇ ئاساسلىقى مەبلەغ سېلىپ تىجارەت قىلىش شىركىتىنىڭ دۆلەت كاپىتالىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ ۋە تەڭشەپ، دۆلەت كاپتالىنى كونتىرول قىلىش كۈچىنى ئاشۇرۇشقا ئىشلىتىلىدۇ. ئىككىنچى، كەسپلەرگە مەبلىغى فوندىغا رويخەتكە ئالدۇرۇش، بۇ ئاساسلىقى مەبلەغ سېلىپ تىجارەت قىلىش شىركىتىنىڭ بازارلاشتۇرۇش شەكلى ئارقىلىق كەسپ مەبلىغى فوندى قۇرۇپ، مالىيە مەبلىغىنىڭ پىشاڭلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا يېتەكلەپ، ئىجتىمائىي كاپىتالنىڭ كۆپرەك ئالدىن مۇھىم بولغان كۆرەرلىك ئىستىراتېگىيەلىك كەسپلەر، ئىكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش، پەن-تېخنىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، جامائەت مۇلازىمىتى، خەلقئارالاشقان تىجارەت قاتارلىق ساھەلەرگە سېلىنىشىغا تۈرتكە بولۇپ،دۆلەت كاپىتالىنىڭ تەسىر كۈچىنى ئاشۇرۇش؛ ئۈچىنچى، مەركەز كارخانىسىغا مەبلەغنى رويخەتكە ئالدۇرۇش، بۇ ئاساسلىقى پارتىيە مەركىزى كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ئىشلىتىلىدۇ، مەركەز كارخانىسى كونكىرت ئىشلارنى يولغا قويىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا

ئالاقىدار خەۋەرلەر