باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىخەنزە ئايرودۇرۇمىدا ھاۋا يولى يۈك تىرانسپورتى ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى

2017.03.31 15:44         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىخەنزە ئايرودۇرۇمىدا ھاۋا يولى يۈك تىرانسپورتى ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى، گىلاس، ئەنجۈر، شاپتۇل ۋە قېتىق قاتارلىقلار شۇ كۈنى بېيجىڭ ۋە چېڭدۇ قاتارلىق شەھەرلەرگە يېتىپ كېلەلەيدىكەن.

  30- مارت، مۇخبىرنىڭ شىخەنزە خۇايۈەن ئايرودۇرۇمىدىن ئىگىلىنىشىچە، ئايرودۇرۇم 27- مارتتىن باشلاپ ئاۋىياتسىيە يۈك تىرانسپورتىنى باشلانغان، تۇنجى تۈركۈمدىكى ماللار شۇ كۈنى جۇڭگو خەلقئارا ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ CA4226 تىپلىق نۆۋەتچى ئايروپىلانى ئارقىلىق چېڭدۇ شۇاڭليۇ ئايرودۇرۇمىغا قاتنىغان. نۆۋەتتە، شىخەنزە خۇايۈەن ئايرودۇرۇمى بىر يىل ئىچىدە بېيجىڭ، قۇمۇل، چىڭدۇ، جىڭجوۋ، غۇلجا ۋە قەشقەر قاتارلىق جايلارغىچە قاتنايدىغان ھاۋا لىنىيەسى ئېچىلدى، ماللار بېيجىڭ ۋە چېڭدۇ ئايرودۇرۇمىدىن ئۇلانما مۇساپىلىك ھالدا يۆتكىلىپ، مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى كۆپ ساندىكى ئوتتۇرا تىپتىكى شەھەرلەرگە ئېلىپ كېلىنىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر