باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

لياۋياڭ شەھىرىنىڭ «4-ئاۋغۇست» كەلكۈن ئاپىتىدە ئۆلگەنلەر سانىنى يوشۇرۇپ مەلۇم قىلىش مەسىلىسى مەۋجۇت ئىكەنلىكى بېكىتىلدى

2017.03.30 16:20         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 29-مارت كەچتە، لياۋياڭ شەھەرلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى سىرتقا قارىتا ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىپ، لياۋياڭ شەھەرلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى بىرلەشمە تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ لياۋياڭ ناھىيەسىدىكى «4-ئاۋغۇست» كەلكۈن ئاپىتىدە ئۆلگەنلەر سانىدا يوشۇرۇپ مەلۇم قىلىش مەسىلىسى مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى بېكىتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

  دەسلەپكى تەكشۈرۈش ئارقىلىق، لياۋياڭ شەھەرلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى بىرلەشمە تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى لياۋياڭ ناھىيەسىدىكى «4- ئاۋغۇست» كەلكۈن ئاپىتىدە ئۆلگەنلەر سانىدا يوشۇرۇپ مەلۇم قىلىش مەسىلىسى مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى بېكىتتى. لياۋياڭ شەھەرلىك پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتى بۇ ئاساستا، ئاپەتكە ئۇچرىغان رايونلارنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈپ، پاكىتنى يوشۇرغان ئىشلارنى ئۈزۈل-كېسىل ئېنىقلاپ ھەمدە مەخسۇس دېلو گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، قەتئىي ئىنتىزام-بەلگىلىمە بويىچە ئالاقىدار مەسئۇل كىشىلەرنى كەسكىن بىر تەرەپ قىلىشنى قارار قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر