باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى: ئۈچ تۈرلۈك تەدبىر ئارقىلىق «13- بەش يىل» مەزگىلىدە كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى فوندىنىڭ ئۇزاققىچە تەڭپۇڭ بولۇشى ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ

2017.03.30 10:16         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جيا جياڭ 28- مارت مۇنداق دېدى:«13- بەش يىل»مەزگىلىدە «كىرىمنى ئاشۇرۇش». قاتتىق باشقۇرۇش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تۈزۈمى ئىسلاھ قىلىنىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، ھەر تەرەپلىمە تەدبىر قوللىنىپ، كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى فوندىنىڭ ئۇزاققىچە تەڭپۇڭ بولۇشى ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ.

  مۇخبىرىمىزنىڭ مەملىكەتلىك ياشانغانلار خىزمىتى ئىشخانىسى، خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى قاتارلىق تارماقلارنىڭ 28- مارت بېيجىڭدا ئۆتكۈزگەن بىرلەشمە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، 2016- يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، دۆلىتىمىزدە 60 ياشتىن ئاشقانلار 230 مىليونغا يىتىپ، ئومۇمىي نوپۇسنىڭ %16.7 نى ئىگىلىگەن. گوۋۇيۈەن يېقىندا تارقاتقان«‹13- بەش يىل›دىكى ياشانغانلار ئىشلىرى تەرەققىياتى ۋە كۈتۈنۈش سىستېمىسى قۇرۇلۇشى پىلانى»دا، مۆلچەرلىنىشىچە 2020- يىلىغىچە، مەملىكەت بويىچە 60 ياشتىن ئاشقانلار 255 مىليونغا كۆپىيىپ، ئومۇمىي نوپۇستا ئىگىلىگەن نىسبىتى %17.8 كە يىتىدىكەن. پىلاندا 2020- يىلىغىچە، شەھەر، بازارلاردىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەر ۋە شەھەر، يېزا ئاھالىسىنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىش نىسبىتىنى %90 كە يەتكۈزۈش تەلەپ قىلىنغان.

  جيا جياڭ مۇنداق دېدى: دۆلىتىمىزنىڭ قېرىلىشىش يۈزلىنىشىگە تېخىمۇ بالدۇر، ھەر تەرەپلىمە، ئىلمىي تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، «13- بەش يىل» مەزگىلىدە، بىر نەچچە تۈرلۈك تەدبىر ئارقىلىق كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تۈزۈمى ئىسلاھ قىلىنىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، سۇغۇرتىغا قاتنىشىشقا رىغبەتلەندۈرۈش، چەكلەش مېخانىزىمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى فوندىنىڭ ئۇزاققچە تەڭپۇڭ بولۇشى ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا

ئالاقىدار خەۋەرلەر