باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ تەستىقى بىلەن، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى «پىكىر» بېسىپ تارقاتتى

يادرونى قوغداپ، قوماندانلىققا بويسۇنۇش باش تېما قىلىنغان تەربىيە پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش ۋە «ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش» ئۆگىنىش-تەربىيەسىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى دائىملاشتۇرۇش، تۈزۈملەشتۈرۈش كېرەك

2017.03.30 15:01         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ تەستىقى بىلەن، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى يېقىندا «يادرونى قوغداپ، قوماندانلىققا بويسۇنۇش باش تېما قىلىنغان تەربىيە پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش ۋە <ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش> ئۆگىنىش-تەربىيەسىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى دائىملاشتۇرۇش، تۈزۈملەشتۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى.

  «پىكىر»دە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسى، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسى ئىكەنلىكىنى بېكىتىش ۋە قوغداش تۈپ خاراكتېرلىك، يۆنىلىش خاراكتېرلىك، ئومۇمىيەت خاراكتېرلىك مەسىلە بولۇپ، ئۇ بايراق، يول يۆنىلىشىگە، پارتىيەنىڭ تەقدىرى، دۆلەتنىڭ قان تومۇرى، ئارمىيەنىڭ روھىغا مۇناسىۋەتلىك. پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ چاقىرىلىشىنى كۈتۈۋېلىشنىڭ ئىدىيەۋى-سىياسىي تەييارلىقىنى ياخشى قىلىپ، ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى كەسكىن، مۇرەككەپ كۈرەشكە تاقابىل تۇرۇش، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا ئىدىيە ۋە ئىرادىنى يەنىمۇ بىرلىككە كەلتۈرۈش كېرەك. يادرونى قوغداپ، قوماندانلىققا بويسۇنۇش باش تېما قىلىنغان تەربىيە پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش ۋە «ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش» ئۆگىنىش-تەربىيەسىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى دائىملاشتۇرۇش ۋە تۈزۈملەشتۈرۈشتە، جەزمەن يادرونى قوغداش، قوماندانلىققا بويسۇنۇشتىن ئىبارەت بۇ تۈپ سىياسىي تەلەپنى پۇختا ئىگىلەپ، نوپۇزىنى، يادرونى قوغداش ۋە ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىنى قوغداش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش، ئۆگىنىش-تەربىيەسى بىلەن ئەمەلىيەتتە چېنىقتۇرۇشنى چىڭ تۇتۇپ، يادرونى قوغداشنى يۈكسەك ئىدىيەۋى ئاڭ، سىياسىي ئاڭ ۋە ھەرىكەت ئېڭىغا ھەقىقىي تۈردە ئايلاندۇرۇش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىگە بولغان سىياسىي ئېتىقادنى كۈچەپ مۇستەھكەملەپ، پارتىيەگە مۇتلەق سادىق بولۇشتەك سىياسىي پەزىلەتنى كۈچەپ چېنىقتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت ۋە رەئىس شى جىنپىڭنىڭ تەدبىر، كۆرسەتمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇشنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئوفىتسېر-ئەسكەرلەرنى «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىش، «تۆتتە ئۆزىگە ئىشىنىش»نى مۇستەھكەملەشكە يېتەكلەپ، ھەر قانداق ۋاقىت، ھەر قانداق ئەھۋالدا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە رەئىس شى جىنپىڭنىڭ نوپۇزىنى قەتئىي قوغداپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت ۋە رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت ۋە رەئىس شى جىنپىڭنىڭ قوماندانلىقىغا قەتئىي بويسۇنۇش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا

ئالاقىدار خەۋەرلەر