باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەت پوچتا ئىدارىسى: تېز يەتكۈزمىنى ئۆز نامىدا ئەۋەتىش-قوبۇل قىلىشنى ئۇچۇرلاشتۇرۇشنى تولۇق قاپلاش كېلەر يىلى ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ

2017.03.30 15:04         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ 29-مارت دۆلەت پوچتا ئىدارىسىدىن ئۇقۇشىچە، تېز يەتكۈزمىنى ئۆز نامىدا ئەۋەتىش-قوبۇل قىلىش تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، بۇ يىل 4-ئايدىن باشلاپ پوچتا، تېز يوللانمىلارنى ئۆز نامىدا ئەۋەتىش-قوبۇل قىلىش ئۇچۇر سىستېمىسىنى كېڭەيتىپ قوللىنىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى مەملىكەت بويىچە تەدرىجىي يولغا قويۇپ، 2018-يىلنىڭ ئاخىرىغىچە ئۆز نامىدا ئەۋەتىش-قوبۇل قىلىشنى ئۇچۇرلاشتۇرۇشنى تولۇق قاپلاشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇشنى پىلانلىغان.

  دۆلەت پوچتا ئىدارىسى بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لىن خۇ مۇنداق تونۇشتۇردى: ئۆز نامىدا ئەۋەتىش-قوبۇل قىلىش ئۇچۇر سىستېمىسىنى دۆلەت پوچتا ئىدارىسى بىر تۇتاش يېتەكچىلىك قىلىپ قۇرغان، يەتكۈزۈش كارخانىلىرى ئۆز نامىدا ئەۋەتىش-قوبۇل قىلىش سانلىق مەلۇمات ئۇچۇرىنى توپلايدۇ ۋە رېئال ۋاقىتلىق يوللايدۇ. پوچتا، تېز يوللانمىلارنى قوبۇل قىلىش خادىملىرى سىكاننېرلىغۇچى، يان تېلېفون APPسى قاتارلىقلاردىن پايدىلىنىپ ۋە كىملىك كۆرۈش ئۈسكۈنىسىگە بىرلەشتۈرۈپ، يوللانما ئەۋەتكۈچىنىڭ سالاھىيەت ئۇچۇرىنى رەقەملىك، ئاپتوماتىك توپلايدۇ ۋە كۆچمە خەۋەرلىشىش تورىدىن پايدىلىنىپ رېئال ۋاقىتلىق يوللايدۇ.

  دۆلەت پوچتا ئىدارىسى ۋە جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى قاتارلىق تارماقلار بىرلىشىپ بۇ يىل 2-ئايدا پوچتا، تېز يوللانمىلارنى ئۆز نامىدا ئەۋەتىش-قوبۇل قىلىش ئۇچۇر سىستېمىسىنى كېڭەيتىپ قوللىنىش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش لايىھەسىنى ئېلان قىلىپ، ئۆز نامىدا ئەۋەتىش-قوبۇل قىلىش ئۇچۇر سىستېمىسىنى كېڭەيتىپ قوللىنىشنى باسقۇچقا بۆلۈپ تەرتىپلىك قانات يايدۇرۇپ، كارخانىلار تۆۋەن تەننەرختە ئايلاندۇرىدىغان، خېرىدارلار ئاسان قوبۇل قىلىدىغان، ھۆكۈمەت ئۈنۈملۈك نازارەت قىلىپ باشقۇرىدىغان، ئۇچۇرغا بىخەتەر، ئۈنۈملۈك كاپالەتلىك قىلىدىغان ئۆز نامىدا ئەۋەتىش-قوبۇل قىلىش تۈزۈمى ئورنىتىشنى بېكىتتى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا

ئالاقىدار خەۋەرلەر