باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ ئىستراتېگىيەلىك، ئۇل خاراكتېرلىك قۇرۇلۇشى

ـــ «ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش» ئۆگىنىش-تەربىيەسىنى دائىملاشتۇرۇش ۋە تۈزۈملەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدا

2017.03.29 16:36         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى يېقىندا « <ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش> ئۆگىنىش-تەربىيەسىنى دائىملاشتۇرۇش ۋە تۈزۈملەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر» نى بېسىپ تارقىتىپ، «ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش» ئۆگىنىش-تەربىيەسىنى دائىملاشتۇرۇش ۋە تۈزۈملەشتۈرۈشنىڭ نىشان، ۋەزىپىلىرى، ئاساسىي تەلەپلىرى ۋە خىزمەت تەدبىرلىرى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. بۇ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىدىيەۋى تەربىيە ۋە نەزەرىيە بىلەن قوراللاندۇرۇشنى كۈچەيتىش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، چوڭقۇر تەرەققىي قىلدۇرۇشنى نەزەردە تۇتۇپ ئوتتۇرىغا قويغان مۇھىم تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىسى.

  2016-يىلى، پۈتۈن پارتىيە ئەزالىرى ئارىسىدا قانات يايدۇرۇلغان «ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش» ئۆگىنىش-تەربىيەسى-پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيە-ئەمەلىيەت پائالىيىتى ۋە «ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش» مەخسۇس تەربىيەسىدىن كېيىنكى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى يەنە بىر مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلىيىتى. بىر يىلدىن بۇيان، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە ئورتاق تىرىشىپ، ئومۇميۈزلۈك قاپلاش، دائىملاشتۇرۇش، قايتا يېڭىلىق يارىتىش، ئەمەلىي ئۈنۈمنى كۆزلەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئۆگىنىش-تەربىيە پائالىيىتىنى پۇختا ۋە تەرتىپلىك قانات يايدۇرۇپ، كۆرۈنەرلىك ئىلگىرىلەش ۋە ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈپ، پارتىيە ئىچى تەربىيەسىنى «ھالقىلىق ئاز سانلىقلار» دىن پارتىيە ئەزالىرىغا كېڭەيتىش، مەركەزلىك تەربىيەلەشنى دائىملىق تەربىيەلەشكە ئۇزارتىشنى ئىلگىرى سۈردى. تەرەپلەر بىردەك مۇنۇلارنى ئەكس ئەتتۈردى: «ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش» نى پارتىيە ئەزالىرى ۋە كادىرلارنىڭ «زۆرۈر دەرسلىكى» ۋە پارتىيە ئىچى تەربىيەسىنىڭ ياخشى ۋاسىتىسى قىلىپ، ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇش ۋە ئۇزاققىچە چىڭ تۇتۇش كېرەك.

  «ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش» ئۆگىنىش-تەربىيەسىنى دائىملاشتۇرۇش ۋە تۈزۈملەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش-يېڭى ۋەزىيەتتىكى ئىدىيەۋى قۇرۇلۇش، تەشكىلات قۇرۇلۇشى، پارتىيە قۇرۇلۇشى ۋە تۈزۈم ئارقىلىق پارتىيەنى قاتتىق ئىدارە قىلىشنى زىچ بىرلەشتۈرۈشنىڭ كۈچلۈك تۇتقىسى، شۇنداقلا پارتىيە ئىچى سىياسىي تۇرمۇش ۋە پارتىيەنىڭ ئىدىيەۋى، سىياسىي قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنىڭ ئۈنۈملۈك يولى بولۇپ، پۈتۈن پارتىيەنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھى بىلەن قوراللاندۇرۇش، پۈتۈن پارتىيەنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشتۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئۈزلۈكسىز ئېچىشتا زور ھەم چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا

ئالاقىدار خەۋەرلەر