25- مارت، ئۈرۈمچىدىن خوتەنگە قاتنايدىغان «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىر ئائىلە كىشىلىرى» ناملىق پويىز خادىملىرى ئۈرۈمچى ۋوگزالىدا يولۇچىلارنىڭ پويىزغا چىقىشىنى كۈتمەكتە.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2017- يىلى 25- مارت، تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ سەپەرگە چىقىشىغا قولايلىق بولۇش ئۈچۈن، ئۈرۈمچى تۆمۈريول ئىدارىسى تۇنجى بولۇپ ئۈرۈمچىدىن خوتەنگە قاتنايدىغان T9526/7、T9528/5 قېتىملىق «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىر ئائىلە كىشىلىرى» ناملىق ئالاھىدە تېز سۈرەتلىك يولۇچىلار پويىزى قاتنىدى. ئىگىلىنىشىچە، ئۈرۈمچىدىن خوتەنگە قاتنايدىغان «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىر ئائىلە كىشىلىرى» ناملىق ئالاھىدە تېز سۈرەتلىك يولۇچىلار پويىزىنىڭ پۈتۈن مۇساپىلىك يۈرۈش مۇساپىسى 1951 كىلومېتىر بولۇپ، ئەڭ يۇقىرى يۈرۈش سۈرئىتى سائىتىگە 140 كىلومېتىر كېلىدىكەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى