باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

جۇڭگو بىلەن ئاۋسترالىيەنىڭ ئەركىن سودىسى يېڭى باسقۇچقا كىردى

2017.03.29 15:07         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاۋسترالىيە گۆش مەھسۇلاتلىرى سانائىتى كومىتېتىنىڭ باش دىرېكتورى خۇتچېنسۇن يېقىندىن بۇيان ناھايىتى خۇشال كۆرۈنەتتى، چۈنكى جۇڭگو ئاۋسترالىيە بىلەن ئاۋسترالىيەنىڭ توڭلىتىلغان ۋە يېڭى كالا گۆشىنى ئىمپورت قىلىشقا رەسمىي يول قويۇشنى مەسلىھەتلەشكەن.

  بۇ پەقەت جۇڭگو بىلەن ئاۋسترالىيەنىڭ ئەركىن سودىسىنىڭ يېڭى دەۋرىگە كىرگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.

  كەڭ دېڭىز ئوكيان جۇڭگو بىلەن ئاۋسترالىيەنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدۇ. يەرشارىلاشتۇرۇش يۈزلىنىشىگە ماسلىشىش ئۈچۈن، جۇڭگو بىلەن ئاۋسترالىيە ھۆكۈمەتلىرى ئىقتىسادنى ئېچىۋېتىش سىياسىتىدە قەتئىي چىڭ تۇردى ھەمدە سودىغا مەبلەغ سېلىشنى ئەركىنلەشتۈرىدىغان ۋە قولايلاشتۇرىدىغان ئىككى تەرەپلىك كېلىشىم رامكىسىنىڭ دەرىجىسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئەركىن سودىنىڭ پايدىسىغا تەڭ ئېرىشتى.

  1973-يىلى جۇڭگو بىلەن ئاۋسترالىيە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى بىلەن ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتىنىڭ سودا كېلىشىمى»نى ئىمزالىغان. بۇ ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى تۇنجى ئۇزۇن مۇددەتلىك سودا كېلىشىمى بولۇپ، جۇڭگو بىلەن ئاۋسترالىيەنىڭ سودىسىنىڭ ئەركىن سودا دەۋرگە كىرىشىگە تۈرتكە بولغان.

  جۇڭگونىڭ ئاۋسترالىيەدىكى باش ئەلچىخانىسىنىڭ ئىقتىساد-سودا مەسلىھەتچىسى خۇاڭ رېنگاڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ ئاۋسترالىيەنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىشى دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىلغان دەسلەپكى مەزگىلدىكى يەككە ئاشلىق ئىمپورت قىلىشتىن تەرەققىي قىلىپ ئېنېرگىيە، كان بايلىقلىرى، خەۋەرلىشىش ئەسلىھەلىرى، بىيو دورا، ئېنېرگىيە تېجەپ مۇھىت ئاسراش قاتارلىق مەھسۇلاتلارغا كېڭەيتىلدى. جۇڭگونىڭ ئاۋسترالىيەگە قىلىدىغان ئېكسپورتى تۆۋەن قوشۇمچە قىممەتتىكى مەھسۇلاتلاردىن كومپيۇتېر، خەۋەرلىشىش ئېلېكتىرون ئۈسكۈنىلىرى، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى قاتارلىق مەھسۇلاتلارغا تەدرىجىي كېڭەيدى. سودا دائىرىسىنىڭ كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ، جۇڭگو بىلەن ئاۋسترالىيەنىڭ ئېكسپورت-ئىمپورت سودا سوممىسى ئەڭ دەسلەپكى ۋاقىتتىكى 86 مىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن 2016-يىلى 107 مىليارد 800 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتتى، كۆلىمى تەخمىنەن 1252 ھەسسە ئاشتى. 2009-يىلىدىن ئېتىبارەن جۇڭگو ئاۋسترالىيەنىڭ ئەڭ چوڭ سودا شېرىكى، ئېكسپورت بازىرى ۋە ئىمپورت مەنبىيىگە ئايلاندى ھەمدە ھازىرغىچە بۇنى ساقلاپ قالدى.

  2015-يىلىنىڭ ئاخىرىدا جۇڭگو بىلەن ئاۋسترالىيەنىڭ ئەركىن سودا كېلىشىمى رەسمىي كۈچكە ئىگە بولدى، ئىككى تەرەپنىڭ ئىقتىساد سودا ئالاقىسىنىڭ دەرۋازىسى تېخىمۇ ئېچىۋېتىلدى، بۇ ئىككى تەرەپنىڭ سودىغا مەبلەغ سېلىشىغا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ئاتا قىلدى، جۇڭگو بىلەن ئاۋسترالىيە بۇنىڭ بىلەن تېخىمۇ كەڭ ئەركىن سودا دەۋرىگە كىردى.

  ئاۋسترالىيە زۇڭلىسى تۇرۇنبۇل مۇنداق دېدى: جۇڭگو-ئاۋسترالىيە ئەركىن سودا كېلىشىمىنىڭ پايدىسى بىلەن ئاۋسترالىيەنىڭ 96 پىرسەنتتىن كۆپ ئېكسپورت مەھسۇلاتلىرىدىن باج كەچۈرۈم قىلىندى ياكى ئېتىبارلىق باج نىسبىتى بىلەن جۇڭگوغا كىردى. 2015-يىلى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، 2016-يىلى ئاۋسترالىيەنىڭ جۇڭگونىڭ ئۈزۈم ھارىقىنى سېتىش سوممىسى 30 پىرسەنتتىن كۆپرەك ئېشىپ، 360 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتتى، گىرىم بۇيۇملىرىنى سېتىش سوممىسى 82 پىرسەنت ئاشتى، چوڭ راكنىڭ ئېكسپورت مىقدارى تۆت ھەسسە قاتلاندى.

  


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر