باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

زۇڭلى لى كېچياڭنىڭ يېڭى زېلاندىيەدىكى رەسمىي زىيارىتىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن مۇۋەپپەقىيەتلەر

2017.03.29 15:13         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېڭى زېلاندىيە زۇڭلىسى بىئىل ئىنگىلىزنىڭ تەكلىپى بويىچە، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى گوۋۇيۈەنىنىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭ 2017-يىلى 26-مارتتىن 29-مارتقىچە يېڭى زىلاندىيەدە رەسمىي زىيارەتتە بولدى. زىيارەت مەزگىلىدە زۇڭلى لى كېچياڭ باش ۋالىي پاتسېي رېددى بىلەن كۆرۈشتى، زۇڭلى ئىنگلىز بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى. ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەت ۋە ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان زور خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلىرى ھەققىدە چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى.

  ئىككى تەرەپ رەھبەرلىرى جۇڭگو بىلەن يېڭى زېلاندىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 45 يىلدىن بۇيانقى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيىتىگە ئىجابىي باھا بەردى. جۇڭگو بىلەن يېڭى زېلاندىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇر راۋاجلاندۇرۇشنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈشكە قوشۇلدى.

  ئىككى تەرەپ ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىساد سودا ھەمكارلىقىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن مول نەتىجىلەرگە ئىجابىي باھا بەردى، جۇڭگو يېڭى زېلاندىيە ئەركىن سودا كېلىشىمىنىڭ دەرىجىسى ئۆستۈرۈلگەن سۆھبىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە، «بىر بەلباغ بىر يول» تەشەببۇسى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش، يېزا ئىگىلىك چارۋىچىلىقنى كېڭەيتىش، ئۇل ئەسلىھە، مەدەنىيەت، مائارىپ، ساياھەت، يەرلىك قاتارلىق جەھەتلەردە كەڭ دائىرىلىك دوستلۇق ئالماشتۇرۇشى ۋە ئەمەلىي ھەمكارلىقنى كېڭەيتىشكە قوشۇلدى. ئىككى تەرەپ بىردەك ئەدلىيە ئىجراسى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، چىرىكلىشىش ۋە دۆلەت ھالقىغان جىنايەتكە بىرلىكتە زەربە بېرىشكە قوشۇلدى.

  ئىككى تەرەپ زور خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلىرىدە قويۇق ئالاقە ۋە ماسلاشتۇرۇشنى ساقلاشقا قوشۇلدى.

  ئىككى تەرەپ بىر يۈرۈش مول مەزمۇنلۇق ھەمكارلىق مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ھاسىل قىلدى، بۇ ئىقتىساد سودا، مەدەنىيەت، پەن تېخنىكا، تاموژنا، ساياھەت، خەلقئارا تەرەققىيات قاتارلىق كەڭ دائىرىگە چېتىلىدۇ. كونكرېت مۇنۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: جۇڭگو يېڭى زېلاندىيە ئەركىن سودا كېلىشىمىنىڭ 1- نۆۋەتلىك دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش سۆھبىتى 2017-يىلى 25-ئاپرېلدىن 27-ئاپرېلغىچە جۇڭگونىڭ بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلىدۇ؛ ئىككى تەرەپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى بىلەن يېڭى زېلاندىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بىر بەلباغ بىر يول تەشەببۇسى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش ھەققىدىكى ئورۇنلاشتۇرۇش ئەسلەتمىسى» قاتارلىق 20 تۈرلۈك مەزمۇننى ئىمزالىدى.

  


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر