باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر كەنت ئاھالىلىرىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولدى

2017.03.29 15:15         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز تۇرسۇنجان ھەسەن، ھاۋاگۈل ئىمرەمزى خەۋەر قىلىدۇ) بەشئېرىق بازىرىنىڭ تۆۋەنكى قۇمئېرىق كەنتىدە نامرات ئاھاللىلەر بىر قەدەر كۆپ بۇلۇپ، بۇلتۇر شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئونىۋېرسىتېتىنىڭ «ئەل رايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر كۆۋرۈكلۈك رول ئويناپ، ئاپتونوم رايوننىڭ 230 مىڭ يۈەن «ھويلا-ئارام ئىگىلىكى» تۈر مەبلىغىنى قولغا كەلتۈرۈپ، كەنتتىكى 40 دىن ئارتۇق ئائىلىنىڭ باقمىچىلىق ۋە پارنىك كۆكتاتچىلىقى بىلەن شۇغۇللىنىپ، ھويلا-ئارام ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا ياردەم بەردى. بۇنىڭ بىلەن قىيىنچىلىقى بار سەككىز ئائىلىلىك ئامما ئۆز قەرەلىدە نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ، «ھويلا-ئارام ئىگىلىكى» تۈرىدە ئەمەلىي نەپكە ئېرىشتى. «ھويلا-ئارام ئىگىلىكى» تۈرىگە مەسئۇل بولغان شاھىمەردان ياقۇپ بۇ يىل يەنە داۋاملىق كەنتتە تۇرۇشنى تاللاپ، نامرات ئاھالىلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم بەرمەكچى بولدى.

  بۇ يىل 29 ياشقا كىرگەن مەۋلان سەمەت بۇ كەنتتىكى قىيىنچىلىقى بار ئامما بۇلۇپ، ئائىلىسىدىكى يەتتە جان ئادەم ئون مو تېرىلغۇ يېرىگە تايىنىپ تۇرمۇش كەچۈرەتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئانىسىنىڭ دىيابىت كېسىلى بار بولغاچقا، تاپقان- تەرگىنىنى ئانىسىنىڭ كېسىلىنى داۋالىتىشقا سەرپ قىلغانلىقتىن، تۇرمۇشى قىيىنچىلىق ئىچىدە قالغانىدى. شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئونىۋېرسىتېتىنىڭ «ئەل رايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» پائالىيىتى بۇيىچە كەنتكە چۈشكەن خىزمەت ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى شاھىمەردان ياقۇپ ئائىلىمۇ –ئائىلە كىرىپ ئەھۋال ئىگەللەش جەريانىدا، ئۇنىڭ ئائىلىسىنى «ھويلا-ئارام ئىگىلىكى» تۈرى ئارقىلىق ياردەم بېرىش ئوبيېكتى قاتارىغا كىرگۈزۈپ، ئۇنىڭغا 100 كىۋادرات مېتىرلىق قوتان ۋە 60 كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان ئاددىي كۆكتات پارنىكى ياساپ بېرىپ، ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ ئىلگىرىكى يىللىق 10 مىڭ يۈەنلىك كىرىمىنى 35 مىڭ يۈەنگە يەتكۈزۈپ، مەۋلان سەمەتنى ناھايىتى خۇشال قىلدى.

  تۆۋەنكى قۇمئېرىق كەنتىدىكى 350 ئائىلىلىك ئامما ئىچىدە 85 ئائىلىلىكنىڭ قىيىنچىلىقى بار بۇلۇپ، پۈتۈن كەنت ئاھالىسىنىڭ تۆتتىن بىر قىسمىنى ئىگىلەيتتى. بۇلتۇر، شاھىمەردان ياقۇپ ۋە خىزمەت ئەترىتىدىكى باشقا ئەزالار ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئارقىلىق، 6 مىليون 300 مىڭ يۈەن تۈر مەبلىغىنى قولغا كەلتۈرۈپ، كەنت يوللىرىنى ياساپ، تۇرۇبا سۈيىنى راۋانلاشتۇرۇپ، نامراتلارنى يۆلەش قويى تارقىتىپ بەردى. ئۇنىڭدىن باشقا، «ھويلا - ئارام ئىگىلىكى» تۈرى مەبلىغىنى قولغا كەلتۈرۈپ، كەنتتىكى قىيىنچىلىقى بار ئاممىنى دەل جايىدا نامراتلارنى يۆلەش، ياردەم بېرىش ئوبيېكتى قاتارىغا كىرگۈزۈپ، نامرات ئائىلىلەرگە جەمئىي 35 قوتان، 29 ئاددىي پارنىك ياساپ بەردى. شاھىمەردان ياقۇپ بۇ مەزگىلدە كەنت ئاھالىلىرىغا كۆكتات تېرىش ۋە چارۋا بېقىش تېخنىكىسىنى ئۆگىتىپ، دەسلەپكى ئۈنۈم ھاسىل قىلغان بولغاچقا، بۇ يىل قايتىشقا كۆزى قىيمىدى.

  شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئونىۋېرسىتېتىنىڭ ئاۋات ناھىيەسى بەشئېرىق بازىرى تۆۋەنكى قۇمئېرىق كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئۈچ ئەل» خىزمىتى ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى شاھىمەردان ياقۇپ مۇنداق دىدى: بۇ يىل يەنە داۋاملىق كەنتتە تۇرۇپ قالدىم، مېنىڭچە ئاساسىي قاتلام يەنىلا ماڭا موھتاج. بۇلتۇر يولغا قويغان بىر نەچچە تۈر خىزمىتىنى تېخى تاماملاپ بۇلالمىدۇق،

  شۇڭا داۋاملىق تۇرۇپ قېلىشنى تاللىدىم. چۈنكى، يېڭىدىن كەلگەن خادىملار كەنت ئەھۋالىنى پىششىق بىلىدىغان ئادەمگە مۇھتاج.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر