باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بۇ يىل شىنجاڭدىن 20 مىڭدىن ئارتۇق ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە بېرىپ، ئەلا مائارىپ تەربىيەسىدىن بەھرىمەن بولىدۇ

2017.03.29 15:27         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەتنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى بىلەن، بۇ يىل شىنجاڭدىن 20 مىڭدىن ئارتۇق ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىسى ئىچكىرىدىكى تولۇق ئوتتۇرا، كەسپىي تېخنىكوم سىنىپلىرى ۋە ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش بويىچە ئاز سانلىق مىللەت ئىختىساسلىقلىرىنى تەربىيەلەش ھەمكارلىق پىلانىغا ئاساسەن ئىچكىرىدىكى ئۆلكە-شەھەرلەرگە بېرىپ، ئەلا مائارىپ بايلىقىدىن بەھرىمەن بولىدۇ.

  ئاپتونوم رايونلۇق ئىچكىرىدىكى شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلار خىزمىتى ئىشخانىسىدىن ئىگىلىنىشىچە، ئاز سانلىق مىللەت ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈش قەدىمىنى تېزلىتىش ئۈچۈن، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دۆلەت شىنجاڭغا قارىتىلغان يۆلەش سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرغان. بۇ يىل شىنجاڭدىن 20 مىڭدىن ئارتۇق ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىسى ئىچكىرى ئۆلكە- شەھەرلەرگە بېرىپ، ئەلا مائارىپ بايلىقىدىن بەھرىمەن بولىدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە، ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىغا 9880 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىدىكەن (بىڭتۇەندىن 300 نەپەر)، ئىچكىرىدىكى كەسپىي تېخنىكوم سىنىپلىرىغا يەنە 3300 (بىڭتۇەندىن 300 نەپەر) ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىدىكەن، ھەمكارلىق پىلانى بويىچە 8600 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىپ، بۇلتۇرقىدىن 500 ئوقۇغۇچى كۆپەيتىپ قوبۇل قىلىنىدىكەن. مۇتلەق كۆپ ساندا ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىغا يۈزلىنىپ قوبۇل قىلىنىدىكەن، ھازىر تىزىملىتىش خىزمىتى ئومۇميۈزلۈك باشلانغان.

  بۇ يىل، چەت- يىراق رايونلاردىكى دېھقان- چارۋىچىلارنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ ئەلا سۈپەتلىك مائارىپ ئېھتىياجىنى يەنىمۇ قاندۇرۇپ، ئاساسىي مائارىپنىڭ تەكشى تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتا داۋاملىق جەنۇبىي شىنجاڭدىكى تۆت ۋىلايەت- ئوبلاستلارغا ۋە دېھقان- چارۋىچىلارنىڭ پەرزەنتلىرىگە مايىللاشتۇرۇلىدىكەن. بۇنىڭدىن سىرت، دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، مەركەز تارماقلىرىغا قاراشلىق 96 ئالىي مەكتەپ ۋە 24 ئۆلكە- شەھەرگە قاراشلىق 227 ئالىي مەكتەپ ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنى قۇبۇل قىلىشنى يىلمۇ يىل كۆپەيتىدىكەن، 2020-يىلىغىچە قوبۇل قىلىنغان شىنجاڭلىق ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ سانى 10 مىڭغا يەتكۈزۈلىدىكەن.

  بۇنىڭدىن سىرت، شىنجاڭدا بۇ يىل يەنە تولۇقسىز ئوتتۇرىنى پۈتكۈزىدىغان ھەر مىللەت ئوقۇغۇچىسىدىن 3300ى قوبۇل قىلىنىپ، ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەردە ھەقسىز كەسپىي ماھارەت ئۆگىنىدىكەن. ئۆتكەن يىللاردىكىگە ئوخشىمايدىغىنى، شىنجاڭنىڭ كەسپىي ماھارەت تىپىدىكى ئىختىساسلىقلارغا بولغان جىددىي ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، بۇ يىل ئىچكىرىدىكى كەسپىي تېخنىكوم سىنىپلىرىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتا، بەش يىللىق تۈزۈمدىكى تەربىيەلەش ئەندىزىسىنى تەسىس قىلىش نۇقتىدا سىناق قىلىنىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە 420 ئوقۇغۇچى بەش يىللىق تۈزۈمدىكى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانى بويىچە قۇبۇل قىلىنىدىكەن، چېتىشلىق كەسىپلەر 12گە يېتىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر