باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

«لى جاۋكۈن ئېنىم، سىزنى ئاخىر تاپتىم...»

2017.03.29 15:19   مەنبە: خەلق تورى

«لى جاۋكۈن ئېنىم، سىزنى ئاخىر تاپتىم...»

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى مۇيەسسەر ئاباھامىت) 3-ئاينىڭ 25-كۈنى، روزىجان تۇرسۇن ئۈچۈن ئۇنتۇلغۇسىز بىر كۈن بولدى. بۇ كۈنى ئۇ 15 يىلدىن بۇيان كېچە-كۈندۈز خىيالىدىن كەتمىگەن، كۆپ ئىزدىگەن بولسىمۇ دېرىكىنى ئالالمىغان «شەپقەتچى»سى لى جاۋكۈن بىلەن كۆرۈشۈش ئارزۇسىغا يەتكەنىدى.

  شىنجاڭ قۇرۇقلۇق ئارمىيە زاپاس قىسىم پىيادە ئەسكەرلەر شىسى مەلۇم تۇەنىنىڭ قورۇسى بۇ كۈنى روزىجان تۇرسۇننىڭ ئۇزاق يىل ئىزدەپ ئاران تاپقان ئىنىسى لى جاۋكۈن بىلەن كۆرۈشكەندىكى خۇشاللىق مىنۇتلىرىغا شاھىت بولدى. روزىجان تۇرسۇن شىنجاڭ قۇرۇقلۇق ئارمىيە زاپاس قىسىم پىيادە ئەسكەرلەر شىسى مەلۇم تۇەنى قورۇسىدا ئاپتوموبىلدىن چۈشكەندە، كۆز ئالدىدا نۇرغۇن ئوفېتسىر-ئەسكەرلەر ئۇنىڭ يولىغا قاراپ تۇرغانىدى. ئۇ دەسلەپتە سەل ھاڭۋېقىپ قالدى، چۈنكى ئۇ ئىنىسى لى جاۋكۈن بىلەن كۆرۈشمىگىنىگە 15 يىل بولغانىدى.

  15 يىل ئىلگىرى لى جاۋكۈن ئەمدىلا 18 ياشقا كىرگەن، ياشلىقى ئۇرغۇپ تۇرىدىغان بەرنا يىگىت ئىدى. چىرايىدا ئۆزگىرىش بولغان بولسىمۇ، ئون نەچچە يىلدىن بۇيان دائىم ئويلاپ كېلىۋاتقان بۇ سىيمانى يەنىلا روزىجاننىڭ يۈرىكى تونۇۋالدى، ئۇ ھەربىي فورما كېيىۋالغان ئوفېتسىر-ئەسكەرلەر ئارىسىدىن ئىنىسى لى جاۋكۈننى تاپتى-دە، دەرھال بېرىپ ئۇنى چىڭ قۇچاقلىدى. لى جاۋكۈن كۆزىگە ياش ئېلىپ «ئاكا، ياخشىمۇسىز»لا دېيەلىدى، لېكىن روزىجان «ئىنىم، سىزنى ئاخىر تاپتىم» دەپ يامغۇردەك تۆكۈلۈپ كەتتى. ئەتراپتىكى كىشىلەرمۇ كۆزلىرىگە ياش ئېلىپ، ئىنىسىنى ئىزدەپ جىق دىشۋارچىلىق تارتقان روزىجاننىڭ ئىنىسى بىلەن ئاخىر دىدارلاشقاندىكى شادلىق مىنۇتلىرىغا ئورتاق جۈر بولۇشتى.

  «ئىنىمنىڭ ياردىمى بولمىغان بولسا، بۈگۈنۈم بولمايتتى»

  روزىجان تۇرسۇن قەشقەر شەھىرىنىڭ ئاۋات يېزىسىدىكى قەلبىگە گۈزەل ئارزۇ-ئارمانلارنى پۈككەن دېھقان پەرزەنتى ئىدى. ئۇ شۇ ئارمانلىرىنىڭ تۈرتكىسىدە، مەكتەپكە كىرگەن كۈندىن باشلاپ تىرىشىپ ئوقۇدى، كەلگۈسىدە ئالىي بىلىم يۇرتلىرىغا بېرىپ ئوقۇش ئۇنىڭ ئەڭ چوڭ ئارزۇسى ئىدى. روزىجان 12 ياشقا كىرگەندە، دادىسى تۇرسۇن ئاكا 14 ياشلىق ئاچىسى بىلەن ئۇلارنى ھەسرەتتە قالدۇرۇپ، ئالەمدىن ئۆتتى. ئاپىسىنىڭ بىر ئائىلىنى بېقىش ئۈچۈن ئېتىزلاردا جاپالىق ئىشلەۋاتقانلىقىنى كۆرگەن روزىجان ئوقۇشتىنمۇ يالتىيىپ قالدى. ئوغۇل بالا بولغاندىكىن ئاپىسىغا ياردەملىشىپ، ئۇنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشنى ئويلىدى. لېكىن ئاپىسى ھاشىخان موللاق بۇنىڭغا قەتئىي قوشۇلماي «جېنىم تېنىمدىلا بولىدىكەن، سېنى چوقۇم ئاخىرغىچە ئوقۇتىمەن» دەپ ھەر قانچە جاپا تارتسىمۇ ئوغلىنى بىر كۈنمۇ دەرس تاشلاتقۇزمىدى. روزىجانمۇ ئاپىسىنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويماي تىرىشىپ ئوقۇپ، 1999-يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىگىلىك باشقۇرۇش ئىنسىتىتۇتىنىڭ ئۇچۇر قۇرۇلۇشى كەسپىگە قوبۇل قىلىندى. چاقىرىق قەغىزىنى كۆرگەن ھاشىخان موللاق ئوغلىنىڭ پىشانىسىگە سۆيۈپ تۇرۇپ:

  - ئوغلۇم ئاخىر ئۈمىدىمنى ئاقلىدىڭ، بىزنىڭ ئۆيدىنمۇ كادىر چىقىدىغان بولدى،- دەپ كۆز يېشى قىلدى ۋە ئېغىلدىكى بىردىنبىر كالىسىنى سېتىپ، ئوقۇش پۇلىنى راسلاپ، ئوغلىنى چىرايلىق جابدۇپ، ئالىي مەكتەپكە يولغا سالدى.

  ئالىي مەكتەپ بۇسۇغىسىدىن ئاتلىيالىغان روزىجان بۇ پۇرسەتنى قەدىرلەپ، كۈچىنىڭ بارىچە تىرىشتى. لېكىن ئاپىسى ھاشىخان موللاق ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قىلىپ، ئۇنىڭغا ئەۋەتىدىغان تۇرمۇش پۇلى توختاپ قالدى. ئۇ ئەھۋالىنى مەكتەپ رەھبەرلىرىگە ئېيتىپ، قار تازىلاش، كىتاب سېتىش ئارقىلىق ئاز-تولا كىرىم قىلىپ تۇرمۇشىنى قامدىدى. شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە مەكتەپ ئوقۇغۇچىلار باشقارمىسى شىنجاڭ قۇرۇقلۇق ئارمىيە ئوفتسېرلار مەكتىپىدىكى بىر خەنزۇ ئوقۇغۇچىنىڭ مۇشۇ مەكتەپتىكى ئۆگىنىشتە ياخشى، ئائىلىسىدە ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار بىر ئوقۇغۇچىغا ئايدا 100 يۈەن ياردەم بەرمەكچى بولغانلىقىنى، مەكتەپنىڭ مۇزاكىرە قىلىشى ئارقىلىق روزىجاننى تونۇشتۇرغانلىقىنى ئېيتتى. 2001-يىلى 4-ئايدىن باشلاپ روزىجان ھەر ئايدا ئۆزىدىن ئىككى ياش كىچىك لى جاۋكۈن پوچتىدىن ئەۋەتكەن 100 يۈەن پۇلنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ، تۇرمۇش خىراجىتى قىلدى. 2001-يىلى 5-ئايدا لى جاۋكۈن ئالايىتەن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىغا كېلىپ، روزىجان بىلەن كۆرۈشتى، ئۇنىڭدىن ئائىلە ئەھۋالىنى ئاڭلاپ، روزىجان بىلەن تەڭ كۆز يېشى قىلدى. ئۇ ئائىلە ئەھۋالىنى تونۇشتۇرۇپ ئاتا-ئانىسىنىڭ دۆلەت مەمۇرى ئىكەنلىكى، ئۆزى يالغۇز پەرزەنت بولغاچقا، ئاتا-ئانىسى بەرگەن ئايلىق تۇرمۇش پۇلىدىن 100 يۈەن ئاجرىتىپ، روزىجان ئوقۇش پۈتكۈزگىچە ياردەمنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقى ئېيتىپ، روزىجاننى ياخشى ئوقۇپ ئانىسىنىڭ ئۈمىدىنى ئاقلاشقا رىغبەتلەندۈردى.

  لى جاۋكۈن روزىجان بىلەن بىر نەچچە قېتىم كۆرۈشۈپ ئۇنىڭغا دەرسلىك ماتېرىياللارنى سوۋغا قىلدى. 2002-يىلى 1-ئايدا، روزىجاننىڭ بىردىنبىر يۆلەنچۈكى بولغان ئاپىسى ھاشىخان موللاقمۇ بۇ دۇنيادىن خوشلاشتى. شۇ يىلى جاۋ كۈنمۇ ئوقۇش پۈتكۈزۈپ، كۈيتۈندىكى مەلۇم قىسىمغا كەتتى، شۇنىڭدىن باشلاپ ئاكا-ئىنى ئىككەيلەن دىدار كۆرۈشۈپ باقمىدى. روزىجان 2004-يىلى ئوقۇش پۈتكۈزۈپ مەكتەپتىن ئايرىلغانغا قەدەر، ھەر ئايدا، ھەتتا تەتىل ۋاقتىدىمۇ ئىنىسى ئەۋەتكەن 100 يۈەن پۇلنى تاپشۇرۋېلىپ تۇردى.

  ئوقۇشمۇ تۈگىدى، لېكىن «شەپقەتچى»سى تېپىلمىدى

  2004- يىلى ئوقۇش پۈتكۈزگەن روزىجان يۇرتقا قايتماقچى بولۇپ، ئىنىسى بىلەن خۇشلىشىش ئۈچۈن تېلېفون ئۇردى، ئەمما ئۇنىڭ نومۇرى توختىتىۋېتىلگەنىدى. روزىجان لى جاۋكۈننى ئىزدەپ كۈيتۈن، مايتاغلاردىكى ھەربىي قىسىمغىچە باردى، لېكىن ئىنىسى لى جاۋكۈننىڭ دېرىكىنى ئالالمىدى. روزىجان 2006-يىلى ئۆز يۇرتىدا تەكلىپلىك يەسلى ئوقۇتقۇچىسى بولدى. 2011-يىلىدىن 2012-يىلىغىچە شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدا بىر يىل تەربىيەلىنىشكە كېلىپ، تەرەپ-تەرەپتىن لى جاۋكۈننىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلدى، لېكىن يەنىلا خەۋىرى بولمىدى. 2012-يىلى ئىمتىھاندىن ئۆتۈپ، رەسمىي ئوقۇتقۇچى بولۇپ، تۇرمۇشمۇ قۇردى. ئۇ ھەر قېتىملىق مائاش ئالغاندا، خۇشاللىق كۈنلەردە ئىنىسى لى جاۋكۈن يادىغا كېلەتتى. ئۇنىڭغا ھازىرقى بەختىيار تۇرمۇشىنىڭ ئىنىسىنىڭ ياردىمى ئارقىلىق قولغا كەلگەنلىكىنى ئېيتقۇسى، ئۇنىڭ بىلەن قانغۇچە مۇڭداشقۇسى كېلەتتى.

  روزىجان 2016-يىلى قەشقەردە تۇرۇشلۇق ھەربىي قىسىمغا كىرىپ ئەھۋالنى چۈشەندۈرۈپ، ئىنىسىنى ئىزدەيدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇلار بۇ ئەھۋالنى ھەربىيلەرنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى بىر توردا ئېلان قىلدى. ئارىلىقتىن ئۇزاق ئۆتمەي، روزىجان بىر ھەربىيدىن كەلگەن ئۇچۇرنى تاپشۇرۇپ ئالدى. ئۇچۇردا لى جاۋكۈننىڭ ئۇنىڭ بۇرۇنقى سەبدىشى ئىكەنلىكى، ھازىر سانجىدا ئىشلەيدىغانلىقى دېيىلگەنىدى. روزىجان ئۇنىڭ تېلېفون نومۇرىنى ئۇققىنىدا خۇددى ئالتۇن تېپىۋالغاندەك خۇش بولۇپ كەتتى. ئەپسۇس ئۇرغان نومۇر لى جاۋكۈننىڭ ئەمەس چىقىپ، ئۇنىڭ كۆڭلى يەنە غەش بولدى. 2016-يىلى 9-ئايدا روزىجان شىنجاڭ مائارىپ ئىنىستىتۇتىغا ئىككى يىللىق بىلىم ئاشۇرغىلى كەلدى. ئۇ بۇ پۇرسەتتە «چوقۇم ئىنىمنى تاپىمەن» دەپ بەل باغلىدى. كېلىپلا ئەتىسى لەنجۇ ھەربىي رايونىنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق قىسىمى، ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمىگە بېرىپ ئەھۋالنى ئېيتتى. ئۇ ئىتتىپاق كومىتېتىدىكىلەرنىڭ ياردىمىدە «شىنجاڭ شەھەر گېزىتى» مۇخبىرى ۋە «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى»نىڭ مۇخبىرلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى. 2017-يىل 3-ئاينىڭ 16-كۈنى مۇخبىرلار «ماڭا ياردەم قىلغان شەپقەتچى ئىنىم لى جاۋكۈن، سەن نەدە؟» دېگەن ماقالىنى گېزىت، ئۈندىدار سۇپىسى ۋە مىكرو بىلوگلاردا تارقاتتى. ماقالە ئېلان قىلىنىپ ئىككى كۈندىن كېيىن روزىجان شىخەنزىدىكى مەلۇم قىسىمدىن كەلگەن تېلېفوننى تاپشۇرۇپ ئېلىپ، ئۇلارنىڭ تەكلىپى بويىچە 3-ئاينىڭ 19-كۈنى شىخەنزىگە باردى. قىسىم رەھبەرلىرى بۇ يىگىتنىڭ سەمىمىيلىكىدىن تەسىرلىنىپ، لى جاۋكۈننىڭ ھازىر نەنجىڭدا ئۆگىنىشتە ئىكەنلىكى، پات يېقىندا ئۇنى شىنجاڭغا چاقىرتىپ ئاكا-ئىنى ئىككىسىنى كۆرۈشتۈرىدىغانلىقىنى ئېيتتى. شۇ كۈندىن باشلاپ روزىجان كۈن ساناپ، ئىنىسى بىلەن كۆرۈشىدىغان كۈننىڭ بالدۇرراق يېتىپ كېلىشىنى تىلىدى.

  ئاكا-ئېنى كۆرۈشكەندە...

  قىسىم رەھبەرلىرى دېگىنىنى قىلدى. ئارىدىن نەچچە كۈن ئۆتۈپلا، 3-ئاينىڭ 25-كۈنى ئەتىگەندە ئاكا-ئېنى ئىككەيلەننىڭ يۈز كۆرۈشىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى. روزىجان ئۆز قۇلىقىغا ئىشەنمەي قالدى، بۇ ئۇنىڭ 15 يىللىق ئارزۇسى، 15 يىلدىن بۇيانقى تىلىكى ئىدى. 3-ئاينىڭ 24-كۈنى روزىجان كېچىچە كىرپىك قاقماي ئاران تاڭ ئاتقۇزدى. ئەتىگەندە ئۇ ئىنىسى لى جاۋكۈن ئۈچۈن ئالاھىتەن يۇرتىدىن تەييارلاپ ئەكەلگەن، ئاچىسى تىكىپ بەرگەن دوپپا ۋە بىر دەستە قىزىل گۈلنى ئېلىپ، خوتۇنى تۇنساگۈل بىلەن شىخەنزىگە بېرىپ، ئىنىسى لى جاۋكۈن بىلەن كۆرۈشتى. كۆرۈشكەندىمۇ ئاكا-ئىنى چىڭ قۇچاقلىشىپ، بىللە تاماق يەپ، بىر كۈن پۇخادىن چىققۇچە مۇڭداشتى. روزىجاننىڭ 15 يىلدىن بۇيانقى خۇشاللىقى ھەم خاپىلىقلىرىنى ئۇنىڭغا ئېيتىپ، بىراقلا ھاردۇقى چىقتى.

  لى جاۋكۈن 2016-يىلى ئاكىسى روزىجاننىڭ ھەربىي رايوننىڭ ئىچكى قىسىمىدىكى تورغا چىقارغان ئۇچۇرىنى كۆرگەن، لېكىن ئۆزىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان ئىكەن.

  مېنىڭمۇ ئاكامنى كۆرگۈم كەلگەن، لېكىن مەن ئۆز ۋاقىتىدا ئاكامغا ئۆزۈم خالاپ خالىس ياردەم قىلغانىدىم، مەن ئاكامنىڭ ماڭا رەھمەت ئېيتىشىنى خالىمىدىم. چىقارغان ئۇچۇرى ئارقىلىق ئۇنىڭ خىزمەتكە چىقىپ، تۇرمۇشلۇق بولۇپ ناھايىتى بەختلىك ياشاۋاتقانلىقىنى بىلدىم، شۇڭا ئۇنى ئاۋارە قىلغۇم كەلمىدى. ناۋادا ئۇ يەنە قىيىنچىلىققا يولۇققان بولسا، مەن ئۇنى ئىزدەپ چوقۇم ياردەم قىلغان بولاتتىم،−دېدى لى جاۋكۈن، - بۇ قېتىم مەن رەھبەرلەردىن ئاكامنىڭ يەنىلا توختىماي مېنى ئىزدەۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ، دەرھال شىنجاڭغا كېلىپ ئاكام بىلەن كۆرۈشتۈم.

  شۇ كۈنى ئاكا-ئىنى ئىككەيلەن مەڭگۈ ئايرىلمايدىغان، بىر-بىرىنى يوقلاپ تۇرىدىغانغا ۋەدىلەشتى. لى جاۋكۈنمۇ ئاكىسى روزىجاننى ئاتا-ئانىسىغا ھەم خوتۇنىغا تونۇشتۇردى. لى جاۋكۈننىڭ ئائىلىسىدىكىلەر لى جاۋكۈننىڭ بۇنىڭدىن ئون نەچچە يىل بۇرۇن قىلغان خەيىرلىك ئىشىدىن خەۋەرسىز ئىدى. ئۇلار بۇ تەسىرلىك ھېكايىنى ئاڭلاپ، ئاتا-ئانىسى ئۆز پەرزەنتىدىن، خوتۇنى ئېرىدىن پەخىرلەندى. ئۇنىڭ ھازىر يالغۇز پەرزەنت ئەمەس، يەنە بىر ئۇيغۇر ئاكىسىنىڭ بار بولغىنىدىن ئىنتايىن سۆيۈندى...

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·بۇ يىل شىنجاڭدىن 20 مىڭدىن ئارتۇق ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە بېرىپ، ئەلا مائ…
    ·ئۈرۈمچى شەھىرىدە 2017- يىللىق تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆرلەش ئىمتىھانىغا تىزىملىتىش خىزمىتى 28- مارت…
    ·مەملىكەت بويىچە ئوقۇتقۇچىلارنى باشقۇرۇشتىكى ئۇچۇر سىستېمىسى قوزغىتىلدى 
    ·قازاقىستان بىلەن ئۆزبېكىستان ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ھەققىدە بىرلەشمە …
    ·شىنجاڭدىكى ئالىي مەكتەپلەر يېڭىدىن 38 تولۇق كۇرس كەسپىنى كۆپەيتتى
    ·بۇ يىل تارباغاتاي ۋىلايىتىدە يېڭىدىن 128 قوش تىل يەسلىسى سېلىنىدۇ
    ·«بالىلار دوختۇرى كەمچىل»لىك ئەھۋالىنى پەسەيتىش ئۈچۈن، بۇ يىل 20 ئالىي مەكتەپتە بالىلار كېسەللىكلىرى…
    ·2016-يىللىق ئاسپىرانتلىق ئىمتىھان سوئالىنىڭ زور كۆلەمدە ئاشكارىلىنىپ كېتىش دېلوسىغا خۇبېيدا سوت ئېچ…
    ·نامرات ئوقۇغۇچىلار كەسپىي مائارىپ ياردىمىگە ئېرىشتى 
    ·ئالىي مەكتەپ پۈتكۈزۈش ئالدىدا تۇرغان ئىستۇدېنتلارغا خىزمەت ئىزدەش ۋە خىزمەتچى قوبۇل قىلىش پائالىيىت…