خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ شۇ جاي ۋاقتى 27-مارت چۈشتىن كېيىن ۋېللىنگتوندىكى ئۆزى تۇرۇۋاتقان مېھمانخانىدا، يېڭى زېلاندىيە ئىشچىلار پارتىيەسىنىڭ رەھبىرى لىترېل بىلەن كۆرۈشتى.
لى كېچياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو بىلەن يېڭى زېلاندىيەنىڭ مۇناسىۋىتى ياخشى تەرەققىي قىلدى، ھەر قايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقى مول نەتىجىلەرگە ئېرىشتى، ئورتاق تەرەققىياتقا تەڭ كۈچ چىقىرىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە بەخت ياراتتى. جۇڭگو يېڭى زېلاندىيە ئىشچىلار پارتىيەسى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتكە ئەھمىيەت بېرىدۇ. يېڭى زېلاندىيەنىڭ ھاكىمىيەت سىرتىدىكى ھەر قايسى ساھەلەر بىلەن بىرلىكتە، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 45 يىللىقىنى پۇرسەت دەپ بىلىپ، ئىككى تەرەپ ئەركىن سودا كېلىشىمىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىساد-سودا ۋە مەبلەغ سېلىشنىڭ قوش يۆنىلىشلىك ئېچىۋىتىشىنى كېڭەيتىپ، بىر-بىرىنى تېخىمۇ قولايلىق تىجارەت مۇھىتى بىلەن تەمىنلەپ، يېزا ئىگىلىكى ۋە چارۋىچىلىق، ئۇل ئەسلىھەلەر، مۇلازىمەت كەسپى قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىق يوشۇرۇن كۈچىنى قېزىشنى خالايمىز. جۇڭگو بىلەن يېڭى زېلاندىيەنىڭ كۆپ خىل شەكىلدە پارتىيە ئارا ئالاقىنى قانات يايدۇرۇپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ۋە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى تەجرىبە ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئادىمىيەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۆپەيتىپ، جۇڭگو-يېڭى زېلاندىيە مۇناسىۋىتىدىكى يېڭى تەرەققىياتنى ئالغا سىلجىتىشنى ئۈمىد قىلىمىز.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى