باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ ئاياللار پۇتبولى تۇنجى قېتىم مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ قوشۇمچە مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشتى

2017.03.27 17:02         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: پۈتۈن مەملىكەت پۇتبول مەستانىلىرى جۇڭگو ئەرلەر پۇتبول كوماندىسى 1:0 نەتىجە بىلەن كورىيە ئەرلەر پۇتبول كوماندىسىنى يېڭىۋالغانلىقىنىڭ خۇشاللىق تەنتەنىسىگە چۆمگەن ۋاقىتتا، شىنجاڭ پۇتبول مەستانىلىرىغا يەنە بىر خۇش خەۋەر يېتىپ كەلدى. شىنجاڭ ئاياللار پۇتبول كوماندىسى غەلىبىلىك ھالدا 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئاياللار پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ قوشۇمچە مۇسابىقىسىگە كىرىش سالاھىيىتىگە ئېرىشتى، بۇ ئاپتونۇم رايونىمىز ئاياللار پۇتبولىنىڭ تۇنجى قېتىم مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى قوشۇمچە مۇسابىقە باسقۇچىغا كىرىشى ھېسابلىنىدۇ.

  شىنجاڭ تەنتەربىيە كەسپى تېخنىكا ئىنىستىتۇتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، شىنجاڭ ئاياللار پۇتبول كوماندىسىنىڭ كوماندا يېتەكچىسى جۇ جېڭخۈي مۇنداق دېدى: «تاللاش مۇسابىقىسىدە شىنجاڭ كوماندىسى بېيجىڭ، سىچۇەن، خۇبېي ۋە جياڭشى ئاياللار كوماندىلىرى بىلەن بىر گۇرۇپپىدا سىچۇەن دۇجياڭيەن مۇسابىقە رايونىغا بۆلۈندى. تۆت مەيدان كەسكىن ۋە جاپالىق مۇسابىقە جەريانىدا، شىنجاڭ كوماندىسى 2 گە قارشى 1 نەتىجە بىلەن بېيجىڭ كوماندىسىغا يېڭىلىپ، 1 دە 1 نەتىجە بىلەن سىچۈەن كوماندىسى بىلەن تەڭلىشىپ، 2 كە قارشى 5 نەتىجە بىلەن خۇبېي كوماندىسىنى، 0 كە قارشى 3 نەتىجە بىلەن جياڭشى كوماندىسىنى يېڭىپ، تۆت مەيدان مۇسابىقىدە ئىككى مەيدان ئۇتۇش، بىر مەيدان تەڭلىشىش، بىر مەيدان ئۇتتۇرۇشتەك نەتىجە بىلەن 7 نومۇر ئېلىپ، گۇرۇپپا بويىچە 2-ئورۇنغا تىزىلدى ۋە قوشۇمچە مۇسابىقىگە قاتنىشىش سالاھىيتىگە ئېرىشتى. شىنجاڭ ئاياللار پۇتبول كوماندىسىنىڭ 10- نومۇرلۇق ماھىرى ئەلفىرە بەش توپ ئۇرۇپ، شۇ مۇسابىقە رايونىدىكى «ئەڭ مۇنەۋۋەر توپ كىرگۈزگۈچى ماھىر» نامىغا ئېرىشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا

ئالاقىدار خەۋەرلەر