باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئالىي مەكتەپ پۈتكۈزۈش ئالدىدا تۇرغان ئىستۇدېنتلارغا خىزمەت ئىزدەش ۋە خىزمەتچى قوبۇل قىلىش پائالىيىتى ئۇيۇشتۇرۇلدى

2017.03.20 16:25         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 11-مارت، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىنىڭ مەسئۇللىقىدا ئويۇشتۇرۇلغان ئاپتونوم رايون بويىچە 2017-يىلى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزىدىغان ئىستۇدىنتلار خىزمەت تېپىش ۋە خىزمەتچى قوبۇل قىلىش پائالىيىتىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى ۋە ئوقۇغۇچىلار مەنبەسى ئۇچۇرلىرىنى ئېلان قىلىش يىغىنى شىنجاڭ مالىيە-ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتىتىدا ئۆتكۈزۈلدى. بۇ پائالىيەتنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشى بىلەن، بۇ يىللىق ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزىدىغان ئىستۇدېنتلارنىڭ مەكتەپتە خىزمەت تېپىش ۋە خىزمەتچى قوبۇل قىلىش بىر يۈرۈش پائالىيىتىنىڭ باشلانغانلىقىدىن دېرەك بەردى.

  شۇ كۈنى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 2017-يىلى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزىدىغان ئىستۇدېنتلارنىڭ تۇنجى قېتىملىق مەكتەپ ئىچىدىكى خىزمەت تېپىش ۋە خىزمەتچى قوبۇل قىلىش پائالىيىتى شىنجاڭ مالىيە-ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتىتىدا ئۆتكۈزۈلدى. 120دىن ئارتۇق خىزمەتچى قوبۇل قىلغۇچى ئورۇن 4000گە يېقىن خىزمەت ئورنى بىلەن تەمىنلىدى، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈرىدىغان 5000گە يېقىن ئىستۇدېنت پائالىيەتكە قاتناشتى.

  ئاپتونوم رايونىمىزدا 2017-يىلى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزىدىغان ئوقۇغۇچى 87 مىڭ 102 بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە تولۇق كۇرسنى پۈتكۈزىدىغان ئىستۇدېنت 37 مىڭ 280، ئالىي تېخنىكومنى پۈتكۈزىدىغان ئىستۇدېنت 43 مىڭ 574، ماگىستىر ئاسپىرانت 5959، دوكتۇر ئاسپىرانت 289.

  بۇ قېتىملىق مەكتەپ ئىچىدىكى خىزمەت تېپىش ۋە خىزمەتچى قوبۇل قىلىش پائالىيىتى 3-ئاينىڭ 11-كۈنىدىن 4-ئاينىڭ 25- كۈنىگىچە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر قايسى ئالىي مەكتەپلەردە ئېلىپ بېرىلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا

ئالاقىدار خەۋەرلەر