باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىدىن ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ بېيجىڭدا قېلىش نىسبىتى ئۇدا تۆت يىل % 50تىن تۆۋەن بولۇپ كەلدى

2017.03.17 14:02         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۈگۈن، چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ 2017- يىللىق مەكتەپ پۈتتۈرىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش يەرمەنكىسى مەزكۇر مەكتەپنىڭ ئۇنىۋېرسال تەنتەربىيە سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى.چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچىلارنىڭ كەسپىي تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلىش مەركىزىنىڭ مۇدىرى لىن چېڭتاۋنىڭ تونۇشتۇرۇشىدا كۆرسىتىلىشىچە، رايون تاللاش جەھەتتە، چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ بېيجىڭدا قېلىش سانى يىلدىن يىلغا تۆۋەنلەپ، ئۇدا تۆت يىل % 50تىن تۆۋەن بولۇپ كەلمەكتە.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى يەرمەنكە چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى مەكتەپتىن خىزمەتچى قوبۇل قىلىش ئۈچۈن بۇ يىل ئۇيۇشتۇرغان كۆلىمى ئەڭ چوڭ پائالىيەت ھېسابلىنىدىكەن. جۇڭگو قۇرۇلۇش فىزىكا تەتقىقات يۇرتى، خاربىن ئېلېكتىرىك گۇرۇھى ۋە چىدى پاي چېكىنى كونترول قىلىش چەكلىك شىركىتى قاتارلىق ئورۇنلار بولۇپ، مەملىكەت بويىچە 21 ئۆلكە (ئاپتونوم رايون ۋە شەھەر)دىن كەلگەن ئادەم ئىشلەتكۈچى 255 ئورۇن قاتناشقان، ھەمدە ئۇ ئورۇنلار 30 مىڭدىن كۆپرەك تەكلىپ قىلىش ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلىگەن ئىكەن.

  لىن چىڭتاۋ مۇنداق دېدى: 2016- يىلى چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى يۇقىرى بولغان ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىش سۈپىتى ئۈزلۈكسىز ئۆسكەن.

  لىن چىڭتاۋ يەنە مۇنداق دېدى: «چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى %98.5كە يەتكەن، نۇقتىلىق نىسبىتى %80 ئەتراپىدا ساقلانغان بولۇپ، بىرقەدەر تولۇق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرغان. ئىشقا ئورۇنلاشقان رايونلارنىڭ تارقىلىشى تېخىمۇ تەڭپۇڭ بولغان ۋە تېخىمۇ ئەلالاشقان. بۇنىڭدىن سىرت، ئوقۇش پۈتتۈرگەن 220 نەچچە ئوقۇغۇچى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئاساسىي قاتلام جامائەت تارماقلىرىغا بېرىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشنى تاللىغان، نىشانلىق تاللاپ ئوقۇغۇچىلارنى ئىشلىتىش خىزمىتى يولغا قويۇلغان سەككىز يىلدىن بۇيان، چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىدىن 1200 نەپەر ئوقۇغۇچىنى ئاساسىي قاتلام جامائەت تارمىقىغا بىۋاسىتە يەتكۈزۈپ بەردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر