باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

2016-يىللىق ئاسپىرانتلىق ئىمتىھان سوئالىنىڭ زور كۆلەمدە ئاشكارىلىنىپ كېتىش دېلوسىغا خۇبېيدا سوت ئېچىلدى

2017.03.22 15:51         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2016-يىللىق ماگىستىر-ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانى ئېلىنغان تۇنجى كۈنى ئىنگىلىز تىلى ئىمتىھان سوئالىنىڭ جاۋابى ئىمتىھان باشلىنىشتىن بۇرۇن توردا تارقالدى. ھەر دەرىجىلىك ج خ تارماقلىرى كۈچ تەشكىللەپ، بۇ ئۇچۇرنىڭ تارقىلىش مەنبەسىنى چوڭقۇر تەكشۈرۈپ، دېلونى تېز پاش قىلىپ، بىر تۈركۈم جىنايەت گۇماندارلىرىنى قولغا چۈشۈردى. خۇبېي جامائەت خەۋپسىزلىكى ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسى 21-مارت بۇ دېلوغا سوت ئاچتى، 13 جاۋابكارنىڭ ئەيىبلىنىش جىنايىتى ئىمتىھاندا كۆچۈرۈشكە تەشكىللەش جىنايىتى، ئىمتىھان سوئالى ۋە جاۋابى بىلەن قانۇنسىز تەمىنلەش ۋە سېتىش جىنايىتى، باشقىلارنىڭ ئورنىدا ئىمتىھان بېرىش جىنايىتى قاتارلىق ئۈچ جىنايەتكە چېتىلىدۇ. بۇ، ئىمتىھاندا كۆچۈرۈپ جازالانغاندىن كېيىن جىنايەت شايكىلىرىنىڭ تۇنجى قېتىم بىرلا ۋاقىتتا ئۈچ خىل جىنايەتكە چېتىلىشى.

  ئىمتىھان سوئالى بېسىش نۇقتىسىدا يوشۇرۇن تارتىلىپ سىرتقا ئاشكارىلاندى، جىنايەت شايكىلىرى سوئالنىڭ جاۋابىنى يېزىش ۋە «ئىمتىھاندىن ئۆتۈپ كېتىشكە ھۆددە قىلىش كۇرسى» ئېچىشقا تەشكىللىدى

  رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق، ۋۇخەندىكى مائارىپتىن مەسلىھەت بېرىش مۇلازىمىتى تارمىقىنىڭ مەسئۇلى ۋاڭ xxx نىڭ گۇمانلىق ئىكەنلىكى بايقالدى. 2015-يىلى 12-ئاينىڭ 25-كۈنى، ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانى ئېلىنغان تۇنجى كۈنى، ج خ ئورگىنى رادىئو ئۈسكۈنىسى ئارقىلىق سوئالنىڭ جاۋابىنى يوللاۋاتقان ۋاڭ xxx نى نەق مەيداندا قولغا چۈشۈردى.

  شياۋ كې مۇنداق دېدى: ئەينى ۋاقىتتا ۋاڭ xxx نىڭ كومپيۇتېر ئېكرانىدا ئىمتىھان سوئالىنىڭ جاۋاب ئۇچۇرى چىقىپ تۇراتتى. دېرىزە تەكچىسىدە يەنە بىر ئايلىنىۋاتقان ئىمتىھاندا كۆچۈرۈشكە سىمسىز يوللاش ئۈسكۈنىسى بار ئىدى. ئالدىنقى باسقۇچتا ئىگىلىگەن ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلار تىزىملىكى ئارقىلىق، مەخسۇس دېلو گۇرۇپپىسى شۇ ئەتراپتىكى ئىمتىھان نۇقتىلىرىدىن ئىمتىھاندا كۆچۈرىۋاتقان توققۇز ئوقۇغۇچى ۋە ئىمتىھان سوئالىنىڭ جاۋابىنى قوبۇل قىلىپ كۆچۈرۈشكە ئىشلىتىلىدىغان توققۇز يۈرۈش ئۈسكۈنىنى قولغا چۈشۈردى. ئىمتىھاندا كۆچۈرمىچىلىك قىلغان بۇ توققۇز ئوقۇغۇچىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئۇلارنىڭ ھەممىسى بىردەك يەنە بىر جىنايەت گۇماندارى جەن xxx نىڭ كۇرسىدا ئوقۇغان. ساقچى تەرەپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق، جەن xxx بىلەن ۋاڭ xxx نىڭ ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى بارلىقى، ئىككى تەرەپنىڭ ۋاڭ xxx نىڭ بۇ تۈركۈمدىكى ئىمتىھان بەرگۈچىلەرگە ئىمتىھان سوئالىنىڭ جاۋابىنى يوللاپ بېرىشكە مەسئۇل بولۇشنى كېلىشكەنلىكىنى بايقىدى. ئىمتىھان ئاخىرلىشىپ ئۈچ كۈندىن كېيىن، جەن xxx بېسىم تۈپەيلىدىن ۋۇخەندە جىنايىتىنى ئىقرار قىلىپ، ئۆزىنى مەلۇم قىلدى.

  ۋاڭ xxx بىلەن جەن xxx ئىمتىھان سوئالىنىڭ جاۋابىغا زادى قانداق ئېرىشكەن؟ مەخسۇس دېلو گۇرۇپپىسىدىكى دېلو بېجىرگۈچىلەرنىڭ تونۇشتۇرىشىچە، ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى يەنىمۇ چوڭقۇر قېزىپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق، ئىمتىھان سوئالىنىڭ ئاشكارىلىنىش مەنبەسى تېپىلغان. جىنايەت گۇماندارى لو xxx نىڭ ئىقرار قىلىشىچە، ئۇ ئىمتىھان سوئالىنى بېسىش نۇقتىسىدىكى بىر ئىچكى خادىمنى سېتىۋېلىپ، ئىمتىھاندىن كېيىن 1 مىليون يۈەن ھەق بېرىشكە ۋەدە بەرگەن. 2015-يىلى 12-ئايدا، ئىمتىھان قەغىزى بېسىلىپ بولغاندىن كېيىن، بۇ ئىچكى خادىم ئىمتىھان قەغىزىنى يوشۇرۇن تارتىپ، فوتو ئاپپاراتىنىڭ TF كارتىسىغا رەگەتكە پۇرژىنىلىق ئاتقۇچ ئورنۇتۇپ، دېرىزىدىن بېسىش نۇقتىسىنىڭ سىرتىغا ئاتقان، ئارقىدىن بېسىش نۇقتىسىنىڭ سىرتىدىكى لو xxx بۇ ئۇچۇرنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، ئىمتىھان قەغىزى تارتىلغان رەسىمنى جىنايەت گۇماندارى لى xxx غا تاپشۇرغان.

  لى xxx شۇئان خېنەن لوياڭغا بېرىپ، مەلۇم ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى ليۇ xxx نى ئادەم تەشكىللەپ ئىمتىھان سوئالىنىڭ جاۋابىنى تېپىشقا تەكلىپ قىلغان. سوئالنىڭ جاۋابى تولۇق چىققاندىن كېيىن، ئۇلار يەنە ئىمتىھان سوئالىغا ئىمتىھاندىن سىرت %30 ئەتراپىدا سوئال قوشۇپ، ئەڭ ئاخىرقى سىرتقى تەشۋىقاتنىڭ «سوئالنى ئالدىن پەرەز قىلىش» نۇسخىسىنى شەكىللەندۈرگەن.

  ئارقىدىن لى xxx قاتارلىق كىشىلەر تەربىيەلەش ئاپپاراتى نامىدا، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش چاپلىمىسى ۋە ئۇچۇرىنى توردا ئېلان قىلغان، خېنەن جېڭجۇدا سىياسەت، ئىنگىلىز تىلى، ماتېماتىكا قاتارلىق ئۈچ ئومۇمىي پەندىن بىر پەنگە 5888 يۈەن، ئىككى پەنگە 10 مىڭ 800 يۈەن، ئۈچ پەنگە 16 مىڭ 800 يۈەن ھەق ئېلىش ئۆلچىمى بويىچە كۇرس ئېچىپ پايدىلانغۇچىدىن 20 نەچچىنى قوبۇل قىلغان. ئۇلار يەنە ئەتراپىدىكى تونۇش-بىلىشلىرىنىڭ تونۇشتۇرىشى بىلەن، ۋۇخەندىكى ئالاقىدار تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ، «ئىمتىھاندىن ئۆتۈپ كېتىشكە ھۆددە قىلىش كۇرسى» نامىدا نەچچە 100 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلغان. بۇنىڭدىن باشقا، ئالاقىدار ئىمتىھان قەغىزىنىڭ مەزمۇنىنى ۋاڭ xxx، لياڭ xxx، جەن xxx قاتارلىق ئىمتىھاندا كۆز بويامچىلىق قىلىش شايكىسىغا ئاشكارىلىغان.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا

ئالاقىدار خەۋەرلەر