باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەملىكەت بويىچە ئوقۇتقۇچىلارنى باشقۇرۇشتىكى ئۇچۇر سىستېمىسى قوزغىتىلدى

مەركەز بىلەن يەرلىكنىڭ بەش دەرىجىلىك ئابۇنىچىلىرى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىدۇ

2017.03.27 16:11         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 25- مارت مائارىپ مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىنىشىچە، مەملىكەت بويىچە ئوقۇتقۇچىلارنى باشقۇرۇشتىكى ئۇچۇر سىستېمىسى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇلدى، ھەر دەرىجىلىك ھەر خىل ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئۇچۇرلىرىنى توپلاش خىزمىتى تۇنجى قېتىم تاماملاندى، مەملىكەت بويىچە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئاساسىي ئۇچۇر ئامبىرى قۇرۇلدى. ئىگىلىنىشىچە، مەزكۇر سىستېما رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن، بۇ، ئېلىمىزنىڭ ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى ئۇچۇرلاشتۇرۇپ باشقۇرۇشنىڭ يېڭى باسقۇچقا كىرگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدىكەن.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، مائارىپ مىنىستىرلىقى دۆلەت دەرىجىلىك ئوقۇتقۇچىلار سىستېمىسىنى قۇرۇشقا مەسئۇل بولىدىكەن، ھەر قايسى ئۆلكىلەردە ئۆلكە دەرىجىلىك ئوقۇتقۇچىلار سىستېمىسى قۇرۇلۇپ، ئىككى دەرىجىلىك سىستېما ئۆز ئارا ئالاقە باغلاپ، مەركەز، ئۆلكە، شەھەر، ناھىيە ۋە مەكتەپ قاتارلىق بەش دەرىجىدىكى خېرىدارغا يۈزلىنىپ مۇلازىمەت قىلىدىكەن.

  ئوقۇتقۇچىلارنى باشقۇرۇشتىكى مەملىكەتلىك ئۇچۇر سىستېمىسىنى قۇرۇش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش داۋامىدا، مائارىپ مىنىستىرلىقى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ تۆۋەندىكىدەك ئۈچ تۈرلۈك يادرولۇق خىزمەتنى تاماملىغان: بىرىنچىسى، ئوقۇتقۇچىلار ئۇچۇرى كۆرسەتكۈچ سىستېمىسىنى تەتقىق قىلىپ ئىشلەپ چىقارغان. ھەر دەرىجىلىك ھەر قايسى مەكتەپلەردىكى ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى ئىلمىي تەتقىق قىلىپ، جايلاردىكى ئالاقىدار كۆرسەتكۈچنى رەتلەپ، مۇتەخەسسىسلەر ۋە بىرىنچى سەپتىكى مۇدىر ۋە ئوقۇتقۇچىلارغا قارىتا كەڭ دائىرىدە پىكىر ئېلىپ، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ، يەسلى، ئالىي كەسپىي مەكتەپ ۋە ئالىي مەكتەپ قاتارلىقلاردىن ئىبارەت يەتتە يۈرۈش ئوقۇتقۇچى كۆرسەتكۈچ سىستېمىسىنى تەتقىق قىلىپ بەرپا قىلغان. دۆلەت يادرولۇق كۆرسەتكۈچىنى بىر تۇتاش بەلگىلەپ، ھەرقايسى ئۆلكە ئۆزىگە خاس كۆرسەتكۈچ بېكىتكەن. ئىككىنچىسى، ئوقۇتقۇچىلار كەسپىنى باشقۇرۇش سىستېمىسى ئېچىلغان. ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ، ئوقۇش نومۇرى بويىچە تەربىيەلەش ۋە ئوقۇتقۇچىلار خىزمەت ئورنىنى ئالماشتۇرۇشنى باشقۇرۇش سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرۈش خىزمىتى تاماملانغان. ئۈچىنچىسى، سىستېمىدىن پايدىلىنىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش ئىشى ئېلىپ بېرىلگەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر