باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ بىلەن پۇتىن جۇڭگو بىلەن رۇسىيەدىكى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان پارتىيەلەرنىڭ مېخانىزملاشقان ئالاقە پائالىيىتىگە تەبرىك خېتى ئەۋەتتى

2017.03.24 16:40         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو بىلەن رۇسىيەدىكى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان پارتىيەلەرنىڭ سۆھبەت مېخانىزمى توغرىسىدىكى 6-قېتىملىق يىغىنى ۋە 5-نۆۋەتلىك جۇڭگو-رۇسىيە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان پارتىيەلەر مۇنبىرى 23-مارت رۇسىيەنىڭ قازان شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ بىلەن رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن تەبرىك خېتى ئەۋەتتى.

  شى جىنپىڭ تەبرىك خېتىدە جۇڭگو بىلەن رۇسىيەدىكى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان پارتىيەلەرنىڭ سۆھبەت مېخانىزمى توغرىسىدىكى 6-قېتىملىق يىغىنى ۋە 5-نۆۋەتلىك جۇڭگو-رۇسىيە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان پارتىيەلەر مۇنبىرى ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىشىش روھى ۋە ئەۋلادتىن-ئەۋلادقىچە دوستانە ئۆتۈش قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ۋە ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى قەتئىي تەۋرەنمەي چوڭقۇرلاشتۇرۇش پۇتىن زۇڭتۇڭ بىلەن ئىككىمىز ھاسىل قىلغان مۇھىم ئورتاق تونۇش. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بىلەن بىرلىككە كەلگەن رۇسىيە پارتىيەسى قويۇق مېخانىزملاشقان ئالاقىنى ساقلاپ، ئىككى پارتىيەنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئۆزئارا ئىشىنىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۇنيا تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىنى قوغداشتا ئىجابىي رولىنى جارى قىلدۇردى.

  شى جىنپىڭ تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: ئون يىلغا يېقىن تەرەققىي قىلىش نەتىجىسىدە، جۇڭگو-رۇسىيە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان پارتىيەلەر سۆھبەت مېخانىزمى يىغىنى ۋە جۇڭگو-رۇسىيە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان پارتىيەلەر مۇنبىرى ئىككى پارتىيە ئارىسىدىكى ئالاقىنى مېخانىزملاشتۇرىدىغان مۇھىم سۇپىغا ئايلاندى. بۇ قېتىمقى يىغىن ۋە مۇنبەر ئايرىم - ئايرىم ھالدا «ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان پارتىيەلەر ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى يېڭى ئىدىيە ۋە يېڭى تەدبىرلەر» ھەم «بىر بەلباغ، بىر يول بىلەن ياۋروپا - ئاسىيا ئىقتىسادىي ئىتتىپاقى قۇرۇلۇشىنى جىپسىلاشتۇرۇش ھەمكارلىقى ئاساسىدىكى جۇڭگو-رۇسىيە يەرلىك ھەمكارلىقى»نى ئاساسىي تېما قىلغان بولۇپ، ئۇ ئىككى پارتىيەنىڭ ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىقنى تېخىمۇ قانات يايدۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر