خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئاسىيا ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىغا مەبلەغ سېلىش بانكىسى (ئاسىيا مەبلەغ سېلىش بانكىسى) 23-مارت بېيجىڭدا بانكا كېڭىشىگە ئەزا بولۇشنى خالايدىغان 13 يېڭى ئەزانىڭ ئاسىيا مەبلەغ سېلىش بانكىسىغا ئەزا بولۇشنى تەستىقلىغانلىقىنى ئېلان قىلدى، شۇنىڭ بىلەن بانكا ئومۇمىي ئەزا سانى 70كە كۆپەيدى. بۇ، ئاسىيا مەبلەغ سېلىش بانكىسىنىڭ بۇلتۇرنىڭ بېشىدا رەسمىي تىجارەت باشلىغاندىن بۇيان، تۇنجى قېتىم يېڭى ئەزالارنى تەشكىلاتقا كىرگۈزۈشى بولۇپ قالدى.
ئاسىيا مەبلەغ سېلىش بانكىسىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى ئارىلىقتا ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: بۇ قېتىم يېڭىدىن كۆپەيگەن ئەزالار رايون تەۋەسىدىكى ئافغانىستان، ئەرمېنىيە، فىجى، جۇڭگو شياڭگاڭ ۋە شەرقىي تىمور قاتارلىق بەش ئەزادىن باشقا يەنە رايون سىرتىدىكى بېلگىيە، كانادا، ئېفىئوپىيە، ۋېنگىرىيە، ئېرلاندىيە، پېرۇ، سۇدان، ۋېنېسۇئېلا قاتارلىق سەككىز دۆلەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
ئاسىيا مەبلەغ سېلىش بانكىسىنىڭ بانكا باشلىقى جىن لىچۈن مۇنداق دېدى: دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى بارغانسېرى كۆپ دۆلەت ۋە رايونلار ئاسىيا مەبلەغ سېلىش بانكىسىغا ئەزا بولۇشنى ئىلتىماس قىلماقتا، بۇ شۈبھىسىزكى ئاسىيا مەبلەغ سېلىش بانكىسىنىڭ خەلقئارالىق ئورگان بولۇش مۇساپىسىنى تېزلىتىدۇ. «ھازىر كىشىنى پەخىرلەندۈرىدىغىنى، ئاسىيا مەبلەغ سېلىش بانكىسىنىڭ ئەزالىرى ھەر بىر قىتئەگە دېگۈدەك تارقالغان بولۇپ، بانكا كېڭىشىنىڭ بۇ يىل كېيىنرەك يەنە بىر تۈركۈم يېڭى ئەزالارنىڭ قوشۇلۇشىنى تەستىقلىشى مۆلچەرلەنمەكتە.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى