باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ ئاۋسترالىيە زۇڭلىسى تۇرنبۇل بىلەن سۆھبەتلەشتى

2017.03.24 15:58   مەنبە: خەلق تورى

لى كېچياڭ ئاۋسترالىيە زۇڭلىسى تۇرنبۇل بىلەن سۆھبەتلەشتى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ شۇ جاي ۋاقتى 23-مارت چۈشتىن بۇرۇن كانبېررا پارلامېنت بىناسىدا ئاۋسترالىيە زۇڭلىسى تۇرنبۇل بىلەن سۆھبەتلەشتى.

  لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 45 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو-ئاۋسترالىيەنىڭ دوستلۇقى كۈنسېرى چوڭقۇرلىشىپ، ھەر قايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقى ئۈزلۈكسىز راۋاجلاندى. جۇڭگو داۋاملىق باراۋەر مۇئامىلە قىلىش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، بىر-بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئەتى ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم ئىشلىرىنى ھۆرمەتلەپ، سىياسىي جەھەتتە ئۆز ئارا ئىشىنىشنى مۇستەھكەملەپ، ئىستراتېگىيەلىك ئالاقىنى كۈچەيتىپ، كونكرېت ئىشلاردىكى ھەمكارلىقنىڭ سۈپەت ۋە دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگو-ئاۋسترالىيە مۇناسىۋىتىنىڭ سىجىل، ساغلام، مۇقىم تەرەققىي قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىشنى خالايدۇ.

  لى كېچياڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ھازىر خەلقئارا ۋەزىيەت ئىنتايىن كەسكىن ۋە مۇرەككەپ، قورۇقچىلىق خاھىشى باش كۆتۈرۈلۈپ، دۇنياۋى خىرىسلار ئۈزلۈكسىز پەيدا بولۇۋاتىدۇ. جۇڭگو ئاۋسترالىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن بىر يولدا تۇرۇپ، قول تۇتۇشۇپ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونى شۇنداقلا دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداشنى خالايدۇ. جۇڭگو ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىشنى داۋاملىق كېڭەيتىپ، ئاۋسترالىيە بىلەن ئورتاق تىرىشىپ ئىككى تەرەپ ئىقتىساد-سودا مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ ياخشى تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن سودا، مەبلەغ سېلىشنى ئەركىنلەشتۈرۈش، قولايلىقلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش، ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان سودا سىستېمىسىنى قوغداشتەك ئاكتىپ سىگناللارنى تارقىتىپ، دۇنيانىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا ئۇزاق مۇددەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشۇپ، مۇقىم نىشان بىلەن تەمىنلەيدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·شىنجاڭدىكى ئالىي مەكتەپلەر يېڭىدىن 38 تولۇق كۇرس كەسپىنى كۆپەيتتى
    ·بۇ يىل تارباغاتاي ۋىلايىتىدە يېڭىدىن 128 قوش تىل يەسلىسى سېلىنىدۇ
    ·«بالىلار دوختۇرى كەمچىل»لىك ئەھۋالىنى پەسەيتىش ئۈچۈن، بۇ يىل 20 ئالىي مەكتەپتە بالىلار كېسەللىكلىرى…
    ·2016-يىللىق ئاسپىرانتلىق ئىمتىھان سوئالىنىڭ زور كۆلەمدە ئاشكارىلىنىپ كېتىش دېلوسىغا خۇبېيدا سوت ئېچ…
    ·نامرات ئوقۇغۇچىلار كەسپىي مائارىپ ياردىمىگە ئېرىشتى 
    ·ئالىي مەكتەپ پۈتكۈزۈش ئالدىدا تۇرغان ئىستۇدېنتلارغا خىزمەت ئىزدەش ۋە خىزمەتچى قوبۇل قىلىش پائالىيىت…
    ·چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىدىن ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ بېيجىڭدا قېلىش نىسبىتى ئۇدا تۆت يىل % 50تىن …
    ·ئاپتونوم رايونىمىزدا 5435 نەپەر مەمۇر قوبۇل قىلىنىدۇ
    ·ئاپتونۇم رايونغا بىۋاستە قاراشلىق ئورگانلار خىزمىتى كومىتېتى «بىر يۈەن پۇل» قىيىنچىلىقى بارلارغا يا…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى 2017- يىللىق ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانىنىڭ «دۆلەت سىزىقى»نى ئېلان قىلدى