باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

شاكىچىك ناتىقلار مۇسابىقىسى باشلاندى

2017.03.27 16:13         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، جۇڭگو ئاخبارات تارقىتىش ئۇنىۋېرسىتېتى ئاخبارات ئىنستىتۇتى ۋە جۇڭگو مائارىپ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ «شاكىچىك ناتىقلار» پىروگرامما گۇرۇپپىسى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان مەملىكەتلىك ياش-ئۆسمۈرلەر ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ساپا تەربىيەسى يۈرۈشلۈك پائالىيىتىنىڭ بىرى بولغان شاكىچىك ناتىقلار 2017 يەر يۈزى مۇسابىقىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. مەزكۇر مۇسابىقە بىر تەرەپتىن ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ ئاخبارات ۋاسىتىلىرى جەھەتتىكى ساپا تەربىيەسىنى كۈچەيتىش، بولۇپمۇ ئېغىز تىلى ئارقىلىق تارقىتىش يۆنىلىشىدىكى ئىقتىدارلىرىنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىش بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ نۇتۇق ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈش مەسىلىسى ئۈستىدە ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىزدىنىش ھېسابلىنىدۇ. ئىگىلىنىشىچە، مەزكۇر مۇسابىقىنىڭ مۇسابىقە مەيدانى لياۋنىڭ، خېبېي، جېجياڭ، خۇبېي، فۇجيەن، گۇاڭدۇڭ ۋە شىنجاڭ قاتارلىق 10 نەچچە ئۆلكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە ۋە ئالاقە پائالىيىتى 7- ئايدا جۇڭگو ئاخبارات تارقىتىش ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر