باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ساياھەتچىلەر قەشقەرگە بېرىپ، يىپەك يولىنىڭ سېھرىي كۈچىنى ھېس قىلدى

2017.03.24 15:27         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «قەشقەرگە بارمىسا، شىنجاڭغا بارغاندەك بولمايدۇ». قەشقەر ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ ئولتۇراقلاشقان جاي بولۇش سۈپىتى بىلەن، قەشقەر ۋىلايىتىدە ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكى مۇكەممەل ساقلىنىپ قالغان، شۇڭا دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنى ئۈزلۈكسىز جەلپ قىلىدۇ.

  16-مارت ئەتىگەندە، ھەر مىللەتتىن بولغان 27 ساياھەتچى ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ قەشقەرگە قاراپ يولغا چىقتى، تۆت كۈنلۈك ساياھەت سەپىرىدە، ئۇلار قەشقەر شەھىرى، قاغىلىق ناھىيەسى، يەكەن ناھىيەسى، مەكىت ناھىيەسى، يوپۇغا ناھىيەسى قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، گۈزەل مەنزىرىلەردىن ھۇزۇرلىنىپ، مەززىلىك تائاملارغا ئېغىز تېگىپ، يىپەك يولىنىڭ سېھرىي كۈچىنى ھېس قىلىش بىلەن بىللە، يەنە نامرات جايلاردىكى ئوقۇغۇچىلارغا مېھىر-شەپقەت يەتكۈزۈپ، بۇ سەپىرىنى ناھايىتى ئەھمىيەتلىك تاماملىدى.بۇ قېتىملىق سەپەرنىڭ تۇنجى بېكىتىدە، قاغىلىق ناھىيەسىنىڭ يېزا باشلانغۇچ مەكتەپ بالىلىرىغا مېھىر-شەپقەت يەتكۈزۈلدى.

  قەشقەر شەھىرىدىن چىقىپ ئۈچ سائەت يول يۈرگەندىن كېيىن، ئاپتوبۇس قاغىلىق ناھىيەسى جاي تېرەك يېزىسى سۇلتان ئېرىق باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ ئالدىدا توختىدى. بالىلار مەكتەپنىڭ ۋاسكېتبول مەيدانىغا يىغىلىپ تۇرۇشقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ سەبىي چېھرىدە ئۈمىد ۋە ھاياجان ئەكس ئېتەتتى. بۇنچە كۆپ ساددا ۋە ئوماق بالىلارنى كۆرۈپ، ساياھەتچىلەرنىڭ يۈرىكىدىكى مېھىر ئوتى يەنىمۇ كۈچەيدى، ئۇلار بالىلارغا تەييارلاپ كەلگەن كىتاب، ئوقۇش قوراللىرى، تەنتەربىيە بۇيۇملىرى، تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنى تارقىتىپ بېرىپلا قالماي، يەنە نەق مەيداندا 1000 يۈەندىن ئارتۇق پۇلنى يىغىپ، بالىلارغا ئىئانە قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا

ئالاقىدار خەۋەرلەر