- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
لى كېچياڭ ئەتىيازلىق يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى ھەققىدە مۇھىم تەستىق سالدى
2017.03.24 15:39 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
مەملىكەتلىك ئەتىيازلىق يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى ۋە زامانىۋى يېزا ئىگىلىك كەسىپ باغچىسى قۇرۇلۇشى خىزمىتى يىغىنى 21-ۋە 22-مارت خېبېينىڭ شىجياجۇاڭ شەھىرىدە ئېچىلدى، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ مۇھىم تەستىق سالدى.
تەستىقتا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: نۆۋەتتە پۈتۈن مەملىكەت ئەتىيازلىق تېرىلغۇغا تەييارلىق قىلىشنىڭ ئالدىراش مەزگىلىگە كىردى، بۇ پۈتۈن بىر يىلدا يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىدىكى ھالقىلىق پەسىل، جايلار، تارماقلار مەركەزنىڭ يېزا خىزمىتى يىغىنى ۋە ھۆكۈمەت خىزمىتى دوكلاتىدىكى ھەل قىلغۇچ تەدبىر ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەمىنلەش جەھەتتىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئاساسى لىنىيە قىلىپ، يېزا ئىگىلىكىنى كۈچەيتىش، دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ قۇرۇلمىلىق كۈچىنى ئاشۇرۇپ، ئەتىيازلىق پەرۋىش ۋە ئەتىيازلىق تېرىلغۇنى ھەقىقىي ياخشى تۇتۇپ، ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرى بىلەن تەمىنلەش، ئېتىز ئېرىق سۇچىلىق قۇرۇلۇشى، كەلكۈندىن مۇداپىئە كۆرۈپ قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش ۋە ھاۋا رايىدا يېزا ئىگىلىكى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش قاتارلىق تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى قىلىشى كېرەك، زامانىۋى يېزا ئىگىلىك كەسىپ باغچىسى قۇرۇلۇشىنى ھەقىقىي ئىلگىرى سۈرۈش، يېزا ئىگىلىك، يېزا تەرەققىياتى تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە، يېڭىچە يېزا ئىگىلىك تىجارەت سۇبيېكتىلىرىنى يېتىشتۈرۈش، ئۆز يېرىگە ماس ھالدا تۈرلۈك شەكىلدىكى مۇۋاپىق كۆلەمدىكى تىجارەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈستىدە ئىزدىنىشكە، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى سۈپىتى بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ۋە بازار رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇشتا ھەقىقىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە كۈچ چىقىرىپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ مۇقىم تەرەققىي قىلىش ئىقتىدارى ۋە يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىيات سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئىزچىل ئاشۇرۇش كېرەك.
جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى ۋاڭ ياڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى، ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە گوۋۇيۈەننىڭ ھەل قىلغۇچ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، زۇڭلى لى كېچياڭنىڭ مۇھىم تەستىقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەتىيازلىق يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنى پۇختا ياخشى تۇتۇپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ مۇقىم تەرەققىي قىلىشى، دېھقانلار كىرىمىنىڭ سىجىل ئېشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىقتىسادى ۋە ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشىغا كۈچلۈك تېرەك بولۇش كېرەك.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
${KEYWORD}
ئالاقىدار خەۋەرلەر