باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

كېلەر ئايدىن باشلاپ مەركەز قاتلىمىدىكى 41 تۈرلۈك مەمۇرىي، كەسپىي خاراكتېرلىك ھەق ئېلىش ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ

2017.03.24 16:09         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مالىيە مىنىستىرلىقى، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى 23-مارت ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقى بىلەن 4-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، مەركەز بېكىتكەن 41 تۈرلۈك مەمۇرىي، كەسپىي خاراكتېرلىك ھەق ئېلىشنى ئەمەلدىن قالدۇرىدىغانلىقى، تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇش ھەق ئېلىش ئۆلچىمىنى %50 تۆۋەنلىتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. بۇ مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئۆتكەن ھەپتە قىسمەن ھۆكۈمەت خاراكتېرلىك فوندىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش، تەڭشەشنى ئېلان قىلغاندىن كېيىنكى يەنە بىر قېتىملىق ھەقنى تۆۋەنلىتىش ھەرىكىتى بولۇپ، كارخانا ۋە شەخسلەرنىڭ يۈكىنى ھەقىقىي يەڭگىللىتىپ، ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى.

  ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدىغان 41 تۈرلۈك مەمۇرىي، كەسپىي خاراكتېرلىك ھەق ئېلىش تۈرى ئىچىدە، كارخانىلارغا چېتىلىدىغان مەمۇرىي، كەسپىي خاراكتېرلىك ھەق ئېلىش تۈرىدىن 35ى، شەخسكە چېتىلىدىغان مەمۇرىي، كەسپىي خاراكتېرلىك ھەق ئېلىش تۈرىدىن ئالتىسى بار. بۇ تۈرلەر جىنايى ئىشلار دېلوسىدىن باشقا دېلولارنىڭ مال باھاسىنى باھالاش ھەققى، ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى رەنە قويۇشنى تىزىملاش ھەققى، مۇھىتنى ئۆلچەپ تەكشۈرۈش مۇلازىمەت ھەققى، ئاق چۈمۈلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-داۋالاش ھەققى، چېگرادىن كىرىش-چىقىشنى تەكشۈرۈش كارانتىن قىلىش ھەققى، ئالدىنى ئېلىش خاراكتېرلىك سالامەتلىك تەكشۈرۈش ھەققى، تويلىشىشنى تىزىملاش ھەققى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا

ئالاقىدار خەۋەرلەر