باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئەزا ۋاڭ جاۋمىڭ ئۆزگىچە تېرىقچىلىق كەسپى تەتقىقات ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك، دېدى

2019.03.12 17:00         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «مۇقىم مەبلەغ سېلىشتا، يېزا ئىگىلىكىنىڭ كەمچىلىكىنى تولۇقلاش كېرەك، يېزا ئىگىلىكى تېرىقچىلىقىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، ئۇرۇقچىلىق كەسپى سېلىنمىسىنى گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇش لازىم»،- ئىچكى موڭغۇل يايلاق ئېكولوگىيە مۇھىتى (گۇرۇھى) پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى، ئەزا ۋاڭ جاۋمىڭ مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە ئېلىمىزنىڭ ئۆزگىچە تېرىقچىلىق تەرەققىياتى يېتەرلىك ئەمەس، ئېكولوگىيەنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتىكى ئۇرۇق، ئوت-چۆپ ئۇرۇقى ئىشلىتىش قاتارلىقلاردا يەنىلا ئىمپورتقا تايىنىمىز. ئۆزگىچە تېرىقچىلىق كەسپى پەن-تېخنىكا سېلىنمىسىنى كۈچەيتىپ، ئۆزگىچە يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي تىرەك بىلەن تەمىنلەش لازىم. سىياسەت خاراكتېرلىك مۇكاپات-تولۇقلىما مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھۆكۈمەت باش بولۇپ يېتەكلەپ، كۆپ مەنبەلىك قاتنىشىپ، ئۆزگىچە تېرىقچىلىق ۋە باقمىچىلىقنى كەسىپلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، رىقابەت كۈچىگە ئىگە ئۆزگىچە تېرىقچىلىق كەسپىي كارخانىلارنى ئۆستۈرۈپ يېتىلدۈرۈش كېرەك. كارخانا، مەكتەپ، تەتقىقات ئورۇنلىرى بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن مېخانىزمنى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، تەتقىقات نەتىجىلىرىنى بازارغا يۈزلەندۈرۈشتىكى «ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر»نى راۋانلاشتۇرۇش لازىم.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر