باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

ئېچىۋېتىلگەن، سىغدۇرۇشچان، ئىتتىپاقلاشقان شىنجاڭغا نەزەر

كۆپلىگەن دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرى ۋە دىپلوماتىيە ئەمەلدارلىرى نەق مەيدانغا بېرىپ زىيارەت قىلىپ، «شىنجاڭ تەسىراتى»نى يېڭىلىدى

2019.03.12 16:30         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، 2-ئاينىڭ 28-كۈنىدىن 3-ئاينىڭ 2- كۈنىگىچە، بىرما، ئالجىرىيە، مەراكەش، ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ۋاكالەتخانىسى، ۋىيېتنام، ۋېنگىرىيە، گرېتسىيە، سىنگاپور قاتارلىق دۆلەتلەر ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ جۇڭگودىكى ئەلچىلىرىدىن تەشكىللەنگەن ۋەكىللەر ئۆمىكى شىنجاڭنى زىيارەت قىلدى. چەت ئەللىك مېھمانلار بىر تەرەپتىن ئايلانغاچ، بىر تەرەپتىن ئاڭلاپ ئەھۋال سورىدى، شىنجاڭدىكى خەلق تۇرمۇشى ياخشىلانغان، ئېچىۋېتىلگەن، سىغدۇرۇشچان، ھەر مىللەت ئامما ئىتتىپاقلىشىپ ئىلگىرىلەۋاتقان كۆرۈنۈش ئۇلاردا چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى.

  ئۈرۈمچىدىكى چوڭ بازاردا ئايلانغاندا، ماراكەشنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئەزىز مېكۇر ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى ئۇسلۇبى ئۆزگىچە نەپىس قۇرۇلۇشلار، كۆپ دۆلەتنىڭ خىلمۇخىل تاۋارلىرىنى كۆرۈپ، «ئۆيگە قايتقاندىكى ھۇزۇر»نى تاپتى. ئۇ مۇنداق دېدى: «بىز گويا ماراكەشتىكى ماراكەش كونا شەھەر مەنزىرىسىنى كۆرگەندەك بولدۇق، ئوخشىشىپ كېتىدىغان دۇكانلار، ئوخشىشىپ كېتىدىغان تاۋارلار شىنجاڭنىڭ ياۋروپا بىلەن ئاسىيانى تۇتاشتۇرىدىغان يول ئىكەنلىكىنى، سودا مەدەنىيىتىمىزنىڭ ئالماشتۇرۇلغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ».

  چوڭ بازار ئەتراپىدىكى مەھەللىگە كىرگەندە، ياشانغانلار ناخشا-ئۇسسۇل ئەترىتى خور رەپىتىس قىلىۋاتقان، مەھەللىدىكى كىيىم زاۋۇتىنىڭ خىزمەتچىلىرى ئالدىراش كىيىم تىكىۋاتقان، بالىلار يەسلىدە ئويناۋاتقان ئىدى.... مەھەللە خىزمەتچىلىرى چەت ئەللىك مېھمانلارغا ئۈرۈمچىنىڭ «سۈت بېرىش قۇرۇلۇشى»نى تونۇشتۇردى، ھۆكۈمەت ئالتە ياشتىن تۆۋەن، ئوقۇش يېشىغا توشمىغان بالىلارغا ھەر كۈنى ھەقسىز بىر خالتا سۈت تارقىتىدۇ.

  چەت ئەللىك مېھمانلار: «سۈتنى بالىنىڭ قولىغا تۇتقۇزۇپ، يەنە مېھىر-مۇھەببەتنى بالىنىڭ قەلبىگە سىڭدۈرۈپتۇ»، دېيىشىپ، شىنجاڭنىڭ خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنى ئىنتايىن مۇئەييەنلەشتۈردى.

  شىنجاڭدىكى نۇرغۇن مەھەللە، يېزا-كەنت ۋە يۇقىرى پەن-تېخنىكا كارخانىلىرىنى ئېكسكۇرسىيە قىلغاندىن كېيىن، ۋىيېتنامنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ ۋاقىتلىق ۋاكالەتچىسى فەن چىڭپىڭ مۇنداق دېدى: بۇ يەردىكى ھەر مىللەت ئاممىسى ئىجتىمائىي پاراۋانلىقتىن باراۋەر بەھرىمەن بولالايدىكەن، خەلق خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلالايدىكەن، جەمئىيەت ئىناق، ئادىل ئىكەن، بۇ، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ چېگرا رايونلاردىكى ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىغا قوللانغان بىر قاتار تەدبىرلىرىنىڭ ئۈنۈملۈك بولغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.

  «چوقۇم بۇ يەرگە كەلگەندە، ئاندىن پاكىتنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى كۆرگىلى بولىدۇ». 1-مارت، ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر شىنجاڭدىكى نۇقتىلىق زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلو مىساللىرى كۆرگەزمىسىنى كۆردى. چۈشەندۈرگۈچى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ سۈرەتلىرىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ مۇنۇلارنى تونۇشتۇردى: «بەش يىل بۇرۇنقى بۈگۈنكى كۈندە، جۇڭگو يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ كۇنمىڭ ۋوگزالىدا ئېغىر زوراۋانلىق، تېررورلۇق ۋەقەسى يۈز بەردى، زوراۋان- تېررورچىلار پىچاق كۆتۈرۈپ بىگۇناھ ئاممىنى چېپىپ ئۆلتۈردى، 31 ئادەم قازا قىلدى».

  ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ۋەكىللەر باشقارمىسىنىڭ مۇدىرى مەھمۇد ئەل ئەمىننىڭ قوشۇمىسى تۈرۈلۈپ، چىرايى ئۆزگىرىپ كەتتى. ئۇ: «ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدۇ، ھېچقانداق بىر دىن، ھېچقانداق بىر ئەخلاق مىزانى بۇنداق نومۇسسىز قىلمىشقا رۇخسەت قىلمايدۇ»، دېدى.

  ئۇ مۇنداق دېدى: ئۆتكەن ئىككى يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتا شىنجاڭدا تېررورلۇق ھۇجۇمى يۈز بەرمەپتۇ، بۇ ئىنتايىن ياخشى خەۋەر ئىكەن، «مەن جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ھەرقانداق زۆرۈر تەدبىرلەرنى قوللىنىپ زوراۋانلىق، تېررورلۇق قىلمىشلىرىغا زەربە بېرىش ھوقۇقى بار ئىكەنلىكىگە ئىشىنىمەن»، دېدى.

  قەشقەر شەھەرلىك كەسپىي تېخنىكا مائارىپى بويىچە تەربىيەلەش مەركىزىنىڭ قانۇن سىنىپىدىكى 30 كۇرسانت قانۇن بىلىملىرىنى ئۆگىنىۋاتقان ئىدى. ئۆمەككە ئەگىشىپ زىيارەت قىلىۋاتقان دىپلوماتلار ۋە خانىملىرى كۇرسانتلارنىڭ ئەھۋالىنى تەپسىلىي سورىدى.

  بىرمىنىڭ جوڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى تى لىنۋېڭ مۇنداق دېدى: بۇ يەردە ئوقۇتۇش ئەسلىھەلىرى تولۇق بولۇپ، تەسەۋۋۇرىمىزدىكىدىنمۇ ئارتۇق ئىكەن، كۇرسانتلار بىلەن بىۋاسىتە پىكىر ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ ناھايىتى كۆڭۈللۈك تۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. «تېررورىزم دۇنيانىڭ ئورتاق دۈشمىنى، بۇ سىلەرنىڭ زېمىنىڭلار، ئۆزۈڭلارنىڭ قانۇنى بار. بىز جۇڭگونىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى تاللاپ قوللىنىپ، تېررورلۇققا زەربە بېرىشىنى قوللايمىز».

  مەھمۇد ئەل ئەمىن مۇنداق دېدى: شىنجاڭدا ئېكسكۇرسىيە ۋە زىيارەتتە بولۇپ، نۇرغۇن ئىلھام ئالدىم، بۇ يەرنىڭ تەرەققىيات ئەندىزىسى − خەلقنى تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ئادىل بەھرىمەن قىلدۇرۇش ئىكەن، پەقەت مەلۇم بىر رايون، مەلۇم بىر ئادەم بەھرىمەن بولۇش ئەمەس، بەلكى ھەممە ئادەمنىڭ بەھرىمەن بولۇشى ئىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر