باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>سۈرەتلىك خەۋەرلەر

ئەزا دىلنار ئابدۇللا: ئەدەبىيات-سەنئەت خىزمەتچىلىرى ئاساسىي قاتلامغا تېخىمۇ كۆپ بېرىپ، پۇقرالارنىڭ يېنىغا بېرىپ تۇرۇشى كېرەك

2019.03.12 16:19   مەنبە: خەلق تورى

ئەزا دىلنار ئابدۇللا: ئەدەبىيات-سەنئەت خىزمەتچىلىرى ئاساسىي قاتلامغا تېخىمۇ كۆپ بېرىپ، پۇقرالارنىڭ يېنىغا بېرىپ تۇرۇشى كېرەك

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 9- مارت چۈشتىن كېيىن، سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 13- نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 2- يىغىنى ئېچىلىشتىن بۇرۇن، 2019- يىللىق ئىككى يىغىننىڭ ئەزالار كارىدورى يەنە ئېچىلدى.

  مۇخبىر مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى، جۇڭگو ئۇسسۇلچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى دىلنار ئابدۇللادىن سوئال سورىدى: سىز ئۆزىڭىز شىنجاڭلىق ئۇسسۇلچى، ھەم ئەدەبىيات-سەنئەت خىزمەتچىسى بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن، يۇرتىڭىز شىنجاڭدا ئويۇن قويغان ھېكايىلىرىڭىزنى سۆزلەپ بېرەلەمسىز ؟

  دىلنار ئابدۇللا تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى:"بىزنىڭ جۇڭگو ئارزۇيىمىز ھېسابلىنىدىغان مەدەنىيەتنى ھەممە ئائىلىلەرگە يەتكۈزۈش" ۋە"ئاساسىي قاتلامغا خۇشاللىق يەتكۈزۈش"دېگەندەك ئويۇن قويۇش پائالىيەتلىرىمىز شىنجاڭدا قىزغىن قانات يايدۇرۇلدى. ئەدەبىيات-سەنئەت خىزمەتچىلىرى مۇنەۋۋەر ئەسەرلەرنى ئېلىپ خەلق ئارىسىغا بېرىپ، ئۇلارغا مەدەنىيە ۋە مەنىۋى ئوزۇق يەتكۈزدى. بىز ئەدەبىيات-سەنئەت نومۇرلىرىمىز ئارقىلىق، پۇقرالارغا پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ پۇقرالارنىڭ گۈزەل تۇرمۇشىغا ئېلىپ كەلگەن غەمخورلۇقى ۋە ياردىمىنى ھېس قىلدۇردۇق. مەسىلەن، بىر قېتىم بىز ئاقسۇدىكى بىر كەنتتىكى مەدەنىيەت ھويلىسىنىڭ سىرتىدىكى سەھنىدە ئويۇن قويدۇق، شۇ چاغدا ھاۋا نۆلدىن تۆۋەن 9 سېلسىيە گىرادۇس ئىدى، يەنى ھاۋا خېلى سوغۇق ئىدى، ئويۇن چۈشتىن كېيىن سائەت بىردە باشلاندى، نۇرغۇن كەنت ئاھالىلىرى ئويۇن كۆرۈش ئۈچۈن ئەتىگەن سائەت ئالتىدىلا قورۇغا بېرىپ ئورۇن ئالدى، بۇ ئىشمۇ بىزنى چوڭقۇر تەسىرلەندۈردى.

  دىلنار ئابدۇللا مۇنداق دېدى: خەلق ئەدەبىيات-سەنئەتكە موھتاج، ئەدەبىيات-سەنئەتمۇ خەلققە مۇھتاج. بۇنىڭدىن كېيىن، ئەدەبىيات-سەنئەت خىزمەتچىلىرى ئاساسىي قاتلامغا، يەنى پۇقرالارنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۇلارغا مۇلازىمەت قىلىپ، ئۇلاردىن ئۆگىنىپ، ئۇلاردىن ئوزۇقلۇق ئېلىپ، يېڭى دەۋرگە ماس كېلىدىغان تېخىمۇ كۆپ مۇنەۋۋەر ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلىشى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

 سۈرەتلەر