باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

ئېفىئوپىيە ئاۋىياتسىيە شىركىتى يولۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ ھادىسىگە ئۇچرىغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن شى جىنپىڭ ئېفىئوپىيە زۇڭتۇڭى، كېنىيە زۇڭتۇڭىغا ھال سوراش تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

2019.03.12 16:17         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  لى كېچياڭ ئېفىئوپىيە زۇڭلىسىغا ھال سوراش تېلېگراممىسى ئەۋەتتىخەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 11- مارت ئېفىئوپىيە ئاۋىياتسىيە شىركىتى يولۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ ھادىسىگە ئۇچراپ، نۇرغۇن ئادەم قازا قىلغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئايرىم-ئايرىم ئېفىئوپىيە زۇڭتۇڭى ساخلى ۋورك، كېنىيە زۇڭتۇڭى كېنياتتاغا ھال سوراش تېلېگراممىسى ئەۋەتتى.

  شى جىنپىڭ ھال سوراش تېلېگراممىسىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئېفىئوپىيە ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ بىر يولۇچىلار ئايروپىلانى ھادىسىگە ئۇچراپ، ئېفىئوپىيە، كېنىيە، جۇڭگو پۇقرالىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان زور ھاياتىي زىيان كېلىپ چىققانلىقىنى بىلىپ قاتتىق چۆچۈدۈم. مەن جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىگە ۋاكالىتەن ھەم شەخسەن ئۆزۈمنىڭ نامىدا قازا قىلغانلارغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈرىمەن، قازا قىلغانلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىدىن سەمىمىي ھال سورايمەن. ئېفىيوپىيە ھۆكۈمىتىنىڭ كېيىنكى ئىشلارنى ئۈنۈملۈك ياخشى ئىشلىيەلەيدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن، جۇڭگو تەرەپ زۆرۈر مەدەت ۋە ياردەم بىلەن تەمىنلەيدۇ.

  شۇ كۈنى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭمۇ ئېفىئوپىيە زۇڭلىسى ئابىغا ھال سوراش تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ، ۋەقەدە قازا قىلغانلارغا تەزىيە بىلدۈرۈپ، قازا قىلغانلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىدىن ھال سورىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر