باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ئەزالىرى ھەر ساھەنىڭ گۇرۇپپا مۇزاكىرىسىگە قاتناشتى

مۇزاكىرىدە، يېڭى دەۋردىكى سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن چارە-تەدبىرلەرنى كۆرسەتتى

2019.03.12 16:04         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:3 - ئاينىڭ 10- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 13- نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 2- يىغىنىدا، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ئەزالىرى ھەر ساھەنىڭ گۇرۇپپا مۇزاكىرىسىگە قاتنىشىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشنى چۆرىدىگەن ھالدا، پىكىر ئالماشتۇرۇشتى ۋە مۇھاكىمە قىلىشتى، ھەمدە مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى ۋە مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ 2019- يىللىق كېڭىشىش پىلانىغا بىرلەشتۈرگەن ئاساستا، سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنى مۇزاكىرە قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن چارە-تەدبىرلەرنى كۆرسىتىشتى.

  ئەزالار مۇنداق دەپ قارىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىدە،خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ ئورنى، رولى، نىشان-ۋەزىپىسى، ۋەزىپە-مەسئۇلىيىتى، بۇرچى، ئەمەلىيەت تەلىپى چوڭقۇر شەرھلەنگەن بولۇپ، ئۇنىڭدا بىر قاتار يۆنىلىش خاراكتېرلىك، ئومۇمىيەت خاراكتېرلىك، ئىستراتېگىيە خاراكتېرلىك مۇھىم ۋە زور مەسىلىلەرگە ئىلمىي جاۋاب بېرىلگەن. ئۇ، ئەمەلىيەتتە يېڭى دەۋردىكى خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىشتىكى قۇدرەتلىك ئىدىيەۋى قورال ھېسابلىنىدۇ. يېڭى بىر يىلدا، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشنى مۇھىمنىڭ مۇھىمى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، نەزەرىيە ئۆگىنىشنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى تىرىشىپ ئۆگىنىپ، مۇھاكىمە قىلىش پائالىيىتىنىڭ نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ ۋە كېڭەيتىپ، ئەمەلىيەت ئارقىلىق تونۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، تونۇش نەتىجىسى ئارقىلىق ئەمەلىيەت تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر