باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاش ۋاقتىنى قىسقارتىش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش تارقاتتى

2019.03.12 16:28         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاش ۋاقتىنى قىسقارتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ « ئۇقتۇرۇش» دېيىلىدۇ)نى تارقاتتى.

  «ئۇقتۇرۇش»تا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى نىشان قىلىپ، كارخانا ۋە ئامما ئۈچۈن «بىر ئىشنى ياخشى قىلىش»نى ئۆلچەم قىلىپ، تارماقلار ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، ئۇچۇردىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇشنى توپلاشتۇرۇش، تەرتىپنى توپلاشتۇرۇش ياكى خادىملارنى توپلاشتۇرۇشنى يولغا قويۇپ، پۈتۈن جەرياننى ئەلالاشتۇرۇپ، بېجىرىش ۋاقتىنى قىسقارتىپ، كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاش ۋاقتى ئۇزۇن بولۇش، بېجىرىش قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ھەقىقىي تۈردە ھەل قىلىش كېرەك.

  «ئۇقتۇرۇش»تا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: 2019- يىلىنىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن، تەرتىپنى ئىخچاملاپ ۋە سەرخىللاشتۇرۇپ، مەملىكەت بويىچە بارلىق شەھەر-ناھىيەلەرنىڭ ئادەتتىكى تىزىملاش ۋە رەنىنى تىزىملاش كەسپىنى بېجىرىش ۋاقتىنى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 10، 5 خىزمەت كۈنى ئىچىدە قىسقارتىپ؛ 2020- يىلىنىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن، ھەممىسىنى 5 خىزمەت كۈنى ئىچىدە قىسقارتىشقا تىرىشىش كېرەك. «ئۇقتۇرۇش»تا ئۈچ تۈرلۈك ئاساسىي ۋەزىپە ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بىرىنچىسى، ئۇچۇردىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇشنى توپلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش. ئىككىنچىسى، تەرتىپنى توپلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش. ئۈچىنچىسى، خادىملارنى توپلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر