3- ئاينىڭ 11- كۈنى، خىزمەتچى خادىملار خۇاڭ بىنخۇڭنىڭ ئەسىرىنى تونۇشتۇرماقتا.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو جيادې شياڭگاڭ 2019- ئەتىيازلىق كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىش يىغىنى 3- ئاينىڭ 28- كۈنىدىن 31- كۈنىگىچە شياڭگاڭدا ئۆتكۈزۈلىدۇ. بۇ پەسىللىك كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىش يىغىنىغا جۇڭگوچە ھۆسنخەت ۋە رەسىملەر، ئاسىيا 20- ئەسىر ۋە ھازىرقى زامان سەنئىتى، فارفور بۇيۇملار، ھۈنەر-سەنئەت بۇيۇملىرى، ئۈنچە-مەرۋايىت ۋە سائەت قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر خىل شەكىلدىكى كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىش بۇيۇملىرىدىن 1400 پارچە بۇيۇم ئېلىپ كېلىندى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى