باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مىنىستىرلىقى: ئاتموسفېرانىڭ ئېغىر بۇلغىنىشىدىكى ئۈچ چوڭ تەسىر ئامىلى ئاساسىي جەھەتتىن ئايدىڭلاشتى

2019.03.12 16:52         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى لى گەنجيې 11- مارت 13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2- يىغىنىنىڭ مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: ئاتموسفېرانىڭ ئېغىر بۇلغىنىشىدىكى ئۈچ چوڭ تەسىر ئامىلى «ئاساسىي جەھەتتىن ئايدىڭلاشتى.» ئۇ ئۈچ ئامىل بولسا، بۇلغىما قويۇپ بېرىش، ھاۋا رايى شارائىتى ۋە رايون ئارقىلىق يەتكۈزۈشتىن ئىبارەت. بۇنىڭ ئىچىدە، بۇلغىما قويۇپ بېرىش بولسا،ئاتموسفېرانىڭ ئېغىر بۇلغىنىشىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى ۋە ئىچكى سەۋەبىدۇر.

  ئۇنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئاتموسفېرانىڭ ئېغىر بۇلغىنىش سەۋەبىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ۋە ئۇنى تۈزەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش تۈرى تەسىس قىلىنغىنىغا تەخمىنەن بىر يېرىم يىل بولغان بولۇپ، بۇ تۈر مۇشۇ يىلنىڭ ئاخىرى تولۇق ئاياغلىشىدۇ. بۇ تۈردە مەملىكەت بويىچە 2 مىڭغا يېقىن بىرىنچى سەپتىكى مۇتەخەسسىس توپلىنىپ، نەتىجىدە ئۇنىڭدىن باسقۇچ خاراكتېرلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، ئاتموسفېرانىڭ ئېغىر بۇلغىنىش سەۋەبى توغرىسىدا ئاساسىي قاراش بارلىققا كەلدى، بۇ تۈر ئاخىرلاشقاندىن كېيىن،ئۇ رەسمىي ئېلان قىلىنىدۇ.

  لى گەنجيې مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئاتموسفېرانىڭ ئېغىر بۇلغىنىشىنىڭ سەۋەبى ۋە كېلىش مەنبەسى مۇنداق ئۈچ جەھەتتە ئىپادىلىنىدىغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە، بۇلغىما قويۇپ بېرىش بولسا، ئاتموسفېرانىڭ ئېغىر بۇلغىشىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى ۋە ئىچكى سەۋەبىدۇر. سانائەت، كۆمۈر، موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى ۋە چاڭ-توزان قاتارلىقلار بۇلغىما قويۇپ بېرىشنىڭ تۆت چوڭ مەنبەسى بولۇپ، ئۇنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى %90تىن ئاشىدۇ. نىتراتلار، سۇلفاتلار، ئاممونىي تۇزى ۋە ئورگانىك ماددىلار بولسا، PM 2.5 نىڭ ئاساسلىق تەركىبى بولۇپ، ئۇنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى %70تىن ئاشىدۇ.

  ___ كىلىمات شارائىتىنىڭ ئاتموسفېرا ئېغىر بۇلغىنىشىغا بولغان تەسىرىمۇ ئىنتايىن كۆرۈنەرلىك . «شامال سۈرئىتى ئىككى مېتىردىن تۆۋەن، نەملىك دەرىجىسى %60تىن يۇقىرى، يەر يۈزىگە يېقىن ئىنۋېرتسىيە، ئارىلاشما قەۋىتىنىڭ ئېگىزلىكى 500 مېتىردىن تۆۋەن بولسا، بۇنداق ھاۋادا ئاسانلا ئېغىر بۇلغىنىش ئەھۋالى كۆرۈلىدىكەن.

  __ رايونلار يەتكۈزۈش جەھەتتە، «2+26» شەھەرلەرنى مىسالغا ئالساق، ئۆزئارا تەسىرى ئوتتۇرىچە %20 تىن %30 كىچە بولىدۇ، ئېغىر بۇلغانغان مېتېئورولوگىيەلىك ھاۋارايى كۆرۈلگەندە، بەلكىم %35 تىن %50 كە يېتىشى مۇمكىن، ئايرىم شەھەرلەردە %60تىن %70كە يېتىشىمۇ مۇمكىن. «ئۆزئارا تەسىرى يەنىلا بىر قەدەر روشەن بولۇپ، چوقۇم بىرلەشمە مۇداپىئە، بىرلەشمە كونترول قىلىشنى يولغا قويۇش كېرەك»-، لى گەنجيې شۇنداق دېدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر