باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، گەۋدىلىك شەكىلۋازلىق مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش كېرەكلىكىنى بىلدۈردى

2019-يىلى «ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش يىلى» قىلىپ بېكىتىلدى

2019.03.12 16:51         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى يېقىندا «گەۋدىلىك شەكىلۋازلىق مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش»نى تارقىتىپ (تولۇق تېكىستىنى خەلق گېزىتىنىڭ 5-بېتىدىن كۆرۈڭ)، 2019-يىلىنى «ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش يىلى» قىلىشنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى.

  مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى 11-چېسلا تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇلتۇر يىل ئاخىرىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ بىر ماتېرىيالدا مۇھىم تەستىقىي يوليورۇق بېرىپ، 2019-يىلىدا ئاساسىي قاتلامنى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغان بەزى شەكىلۋازلىق مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى ھەقىقىي تۈردە يېنىكلىتىشنى تەكىتلىگەن ئىدى. «ئۇقتۇرۇش»تا 2019-يىلى «ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش يىلى» قىلىپ ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئاساسىي قاتلامغا رىشتە باغلاپ، كادىرلارغا كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىدەك چوڭقۇر ھېسىياتى تولۇق ئىپادىلەندى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك پارتىيەنى قاتتىق ئىدارە قىلىشتا قەتئىي تەۋرەنمەي، ئىستىل قۇرۇلۇشىنى ئىزچىل چىڭ تۇتۇشتەك قەتئىي ئىرادىسى نامايان قىلىندى، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يەڭگىللىتىپ، كەڭ كادىرلارنى مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئېلىپ ئەمەلىي ئىشلەشكە ئىلھاملاندۇرىغان يۆنىلىش تۇرغۇزۇلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر