باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ۋەكىل جى يۆيىڭ: يېزا ئوقۇتقۇچىلىرىنى ئۆز خىزمەت ئورنىدا قالالايدىغان، ياخشى ئوقۇتالايدىغان قىلدۇرۇش كېرەك

2019.03.12 16:32        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جياڭشى ئۆلكىسى يىچۈن شەھىرى فېڭشىن ناھىيەسى زاۋشيا بازىرى بەيياڭ ئوقۇتۇش نۇقتىسىدىكى ئوقۇتقۇچى جىيۆيىڭ ۋەكىل مۇنداق دەپ قارىدى: يېزا-كەنت ئوقۇتقۇچىلىرىنى تۆۋەنگە چۈشەلەيدىغان، تۆۋەندە تۇرالايدىغان، ياخشى ئوقۇتالايدىغان قىلماقچى بولساق، ھۆكۈمەتنىڭ كاپالەتلىك قىلىشى بىلەن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تۆھپە قوشۇشىنى تەڭ تۇتۇشىمىز كېرەك. بىر تەرەپتىن، ھۆكۈمەت تەرەپ مەكتەپ باشقۇرۇش شارائىتىنى ئۆستۈرۈش ئاساسىدا، يېزا ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ تەمىناتىغا داۋاملىق زور كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىپ، يېزا ئوقۇتقۇچىلىرىنى قوللاش پىلانىدىكى تۈرلۈك سىياسەت ۋە تەدبىرلەرنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تەمىنات سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، كەسپىي جەلپ قىلىش كۈچىنى ئاشۇرۇشى كېرەك؛ يەنە بىر تەرەپتىن، يېزا ئوقۇتقۇچىلىرىدا مائارىپنى قىزغىن سۆيىدىغان، نام-مەنپەئەت قوغلاشمايدىغان ئىرادە بولۇشى كېرەك .

  ۋەكىل جى يۆيىڭ مۇنداق تەكلىپ بەردى: يېزا ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەربىيەلەشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ كەسپىي ساپاسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك؛ شەھەر بىلەن يېزىلار ئارىسىدا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىش ئورنىنى ئالماشتۇرۇشنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، شەھەردىكى مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىلارنى يېزىلارغا بارغۇزۇپ، يېزا ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ كەسپىي ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، يېزا ئوقۇتقۇچىلىرىنى شەھەردىكى مەكتەپلەردە ئۇلار بىلەن بىللە ئۆگىتىپ، ئۇلارنىڭ ئوقۇتۇش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر