باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

كادىرلارنى بەزى ئەھمىيەتسىز ئىشلاردىن خالاس قىلىش كېرەك

__ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل كىشى «شەكىلۋازلىقتىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىپ ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» توغرىسىدا مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى

2019.03.12 16:34         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى يېقىندا «شەكىلۋازلىقتىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىپ ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يەڭگىللىتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «ئۇقتۇرۇش» دېيىلىدۇ)نى تارقىتىپ، 2019-يىلىنى «ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش يىلى» قىلىدىغانلىقىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى «ئۇقتۇرۇش»قا ئالاقىدار ئەھۋاللار توغرىسىدا مۇخبىرنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى.

  سوئال: نېمە ئۈچۈن 2019-يىلىنىڭ «ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش يىلى» قىلىنغانلىقىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتكەن بولسىڭىز؟

  جاۋاب: 2019-يىلى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇش، بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ھالقىلىق يىل. «ئۇقتۇرۇش»تا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىستىل قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، شەكىلۋازلىق، بيۇروكراتلىقتىن قاتتىق ساقلىنىش توغرىسىدىكى بىر قاتار مۇھىم سۆزى ۋە كۆرسەتمىسى، يوليورۇقىنىڭ روھى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلار كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەرگە جاۋاب قايتۇرۇپ، 2019-يىلىنى «ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش يىلى» قىلىدىغانلىقى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى، بۇ مۇھىم، زور ئەھمىيەتكە ئىگە. بىرىنچى، بۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئاساسىي قاتلامنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، كادىرلارغا كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىدەك چوڭقۇر مۇھەببىتىنى تولۇق نامايان قىلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ 2019-يىللىق يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزىدە «ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ قەلب ساداسىنى زەن قويۇپ ئاڭلاش» كېرەكلىكىنى ئېيتتى. ئاساسىي قاتلام دۇچ كېلىۋاتقان شەكىلۋازلىق مەسىلىسىگە قارىتا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىشنىڭ باشلىنىشىدىنلا ئۇنىڭ ماھىيىتى ۋە تەرەققىيات يۈزلىنىشىنى ئىگىلەپ، ھەر ۋاقىت كۆڭۈل بولدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: يۇقىرىنىڭ نۇرغۇن سىياسىتى ئاساسىي قاتلامدا ئەمەلىيلىشىدۇ، نۇرغۇن شەكىلۋازلىق مەسىلىسى ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ نۇرغۇن ۋاقتى، زور زېھنىي كۈچىنى ئىگىلەيدۇ، بۇنداق ئەھۋالنى چوقۇم ئۆزگەرتىش كېرەك! ئىككىنچى، بۇ يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىلگىرى سۈرۈش، ئىستىل قۇرۇلۇشىنى ئىزچىل چىڭ تۇتۇشتەك قەتئىي ئىرادىسىنى تولۇق نامايان قىلدى. ئۈچىنچى، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىپ، كادىرلارنى مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىشقا رىغبەتلەندۈرۈشنىڭ ئەمەلىي ئىشلەش يۆنىلىشىنى ئېنىق تۇرغۇزۇپ بەردى. نۆۋەتتىكى جاپالىق، مۈشكۈل بولغان ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ۋەزىپىسى ئالدىدا، پۈتۈن پارتىيە بولۇپمۇ ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى، ئىجادچانلىقىنى ئۇرغۇتۇشتا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  سوئال: «ئۇقتۇرۇش»تا ئاساسىي قاتلامنى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويۇۋاتقان شەكىلىۋازلىقتىكى قايسى گەۋدىلىك مەسىلىلەر كۈچەپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ؟

  جاۋاب: نۇرغۇن كادىر، ئامما بىر قىسىم شەكىلۋازلىقنىڭ «سىياسەتنىڭ توغرىلىق» تونىغا ئورۇلۇپ، شوئارنى بولۇشىغا توۋلاپ، ئەمەلىي ھەرىكەت قىلماي، كۆرۈنۈشتە «ئىككىنى قوغداش»نى قىلىۋاتقاندەك قىلغىنى بىلەن ئەمەلىيەتتە «ئىككى قوغداش»قا زىيان سېلىۋاتقانلىقىنى ئىنكاس قىلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ دەل جايىدا مۇنداق كۆرسەتتى: كۆپ ئىپادە بىلدۈرۈش، بولۇشىغا شوئار توۋلاش، ھەرىكىتى ئاز، ئەمەلىيلەشتۈرۈشى ناچار بولۇش قاتارلىق گەۋدىلىك مەسىلىلەرگە قارىتا قاتتىق تەدبىر قوللىنىپ، ھەقىقىي تۈزىتىش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، بىكاردىن بىكار زېھنىنى سەرپ قىلىدىغان يىغىن، ھۆججەتلەر كۆپ بولۇش، ھەر خىل نامدىكى نازارەتچىلىك ۋە تەكشۈرۈپ باھالاش كۆپ بولۇش، يۈزەكى باشقۇرۇش كۆپ بولۇش شۇنداقلا قاتلاممۇ قاتلام قوشۇلۇش ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرىۋەتتى. شۇنىمۇ تونۇپ يېتىش كېرەككى، بەزى كادىرلار مەسئۇلىيەتنى ئۈسىتىگە ئالماي، قىلىدىغاننى قىلمايدۇ، بۇنىڭدا غايە-ئېتىقاد، ئىقتىدار-ماھارەت مەسىلىسى ساقلانغان، ئوبيېكتىپ جەھەتتىن ئېيتقاندا بۇ بىر قىسىم يەرلىك ۋە تارماقلارنىڭ جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈشى جايىدا بولماسلىق، ئومۇملاشتۇرۇش، ئاددىيلاشتۇرۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، بۇ بىر قىسىم كادىرلارنىڭ جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈشتىن، قارا چاپلاشتىن قورقۇپ، ئىش قىلىشنى خالىماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. نۇرغۇن ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى شەكىلۋازلىق مەسىلىسىدىن قاتتىق نەپرەتلىنىدىغانلىقى، لېكىن بۇنىڭغا چوڭقۇر پېتىپ قالغانلىقى، ھازىر دەل شەكىلۋازلىقتىن قاتتىق ساقلىنىش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىگە ئاتلىنىشنىڭ ۋاقتى كەلگەنلىكىنى ئېيتتى. «ئۇقتۇرۇش» ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشنى چۆرىدەپ، دىققەتنى «تۆتكە كۈچەش»كە مەركەزلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى بىر تۇتاش يېتەكچى قىلىپ ئىدىيەۋى تەربىيەنى كۈچەيتىش، تۈگىمەس يىغىن، ھۆججەتلەرنى تىزگىنلەش، نازارەتچىلىك، تەكشۈرۈش، باھالاش ھەددىدىن زىيادە كۆپ، كەينى-كەينىدىن، زىيادە ئىز قالدۇرۇش ھادىسىسىنى ئۆزگەرتىش، جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش تۈزۈمى ۋە رىغبەتلەندۈرۈش، كۆڭۈل بۆلۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە بىر قىسىم ئەمەلىي، كارغا كېلىدىغان تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر