باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئالدىنقى ئىككى ئايدا، جۇڭگو-قازاقىستان قورغاس خەلقئارا چېگرا ھەمكارلىق مەركىزىدىن كىرىپ چىققان ئادەم 600 مىڭدىن ئاشتى

2017.03.24 15:53         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، قورغاس پورتى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ئىستاتىستىكا قىلىشىچە، 1- ۋە 2-ئايدا جۇڭگو-قازاقىستان قورغاس خەلقئارا چېگرا ھەمكارلىق مەركىزى رايونىدىن كىرىپ چىققان ئادەم 612 مىڭ بولۇپ، ئېلىپ كىرگەن ۋە ئېلىپ چىققان مال 27 مىڭ 600 توننا، ئىمپورت-ئېكسپورت سودا سوممىسى 875 مىليون يۈەنگە يەتكەن.

  ھەمكارلىق مەركىزى تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈشنىڭ راۋان بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، قورغاس چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش پونكىتى بىلەن بىرلىكتە تەكشۈرىدىغان ئورۇنلار بىرلىكتە كۆپ خىل تەدبىر قوللىنىپ، ۋەزىپە ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، پەن-تېخنىكا سېلىنمىسىنى ئاشۇرۇپ ۋە تاموژنا، دۆلەت تەكشۈرۈش قاتارلىق بىرلىكتە تەكشۈرىدىغان ئورۇنلار بىلەن ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئاپتوموبىل بىر قېتىم توختاش، بىر قېتىم تەكشۈرۈش، بىر قېتىمدا قويۇپ بېرىشتىن ئىبارەت تاموژنا ئەندىزىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈشنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلدى.

  ئىگىلىنىشىچە، جۇڭگو-قازاقىستان قورغاس خەلقئارا چېگرا ھەمكارلىق مەركىزى دۇنيادىكى بىردىنبىر چېگرا ھالقىغان ئەركىن سودا رايونى بولۇپ، جۇڭگو، قازاقىستان ئىككى دۆلەتنىڭ پۇقرالىرى ۋە ئۈچىنچى دۆلەت پۇقرالىرىنىڭ ۋىزا بېجىرىشى ھاجەتسىزكەن، پاسپورتى ياكى چېگرادىن كىرىش-چىقىش يول خېتى بىلەن ھەمكارلىق مەركىزى رايونىغا كىرىپ-چىقىپ، يۈزتۇرا سودا سۆھبىتى ياكى تاۋار سودىسى قىلالايدىكەن. جۇڭگو تەرەپتىن ھەمكارلىق مەركىزى رايونىغا كىرگەن كىشى بىر كۈندە بىر قېتىمدا 8000 يۈەن قىممىتىدە باج كەچۈرۈم قىلىنغان ماللارنى ئېلىپ چىقالايدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا

ئالاقىدار خەۋەرلەر