خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ شۇ جاي ۋاقتى 23- مارت چۈشتىن كېيىن كامبېررا ۋالىي مەھكىمىسىدە ئاۋىستىرالىيە ۋالىيسى كوسگروۋ بىلەن كۆرۈشتى.
لى كېچياڭ ئالدى بىلەن كوسگروۋغا رەئىس شى جىنپىڭنىڭ سەمىمىي سالىمىنى يەتكۈزدى. لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو- ئاۋىستىرالىيەنىڭ دوستلۇقى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىۋاتىدۇ، ھەر قايسى ساھەلەر ھەمكارلىقى سىجىل ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتىدۇ. جۇڭگو ئاۋىستىرالىيە بىلەن ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىپ، باراۋەر مۇئامىلەدە بولۇپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى تېخىمۇ كېڭەيتىپ، ئادىمىيەت ئالاقىسىنى زورايتىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە بەخت يارىتىشنى خالايدۇ.
لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: تىنچلىق، مۇقىملىق بولمىسا خەلقنىڭ تىنچلىقى ۋە بەخت -سائادىتى بولمايدۇ. نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتە، جۇڭگو ئاۋىستىرالىيە بىلەن بىللە، رايون مۇقىملىقى ۋە دۇنيانىڭ تىنچلىقىنى قوغداپ، دۇنياۋىلىشىش مۇساپىسىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ، شۇنداقلا دۇنيا ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قورۇقچىلىق ئورتاق قارشى تۇرۇپ، ئېچىۋىتىلگەن دۇنيا ئىقتىسادىي بەرپا قىلىش توغرىسىدا ئاكتىپ سېگنال بەردى.
كوسگروۋ لى كېچياڭ زۇڭلىنىڭ ئاۋىستىرالىيەگە زىيارەتكە كەلگەنلىكىنى قارشى ئالدى ھەم مۇنداق دېدى: ئاۋىستىرالىيە- جۇڭگو تىنچلىقنى سۆيىدىغان دۆلەتلەر. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئىككى دۆلەتنىڭ يۇقىرى قاتلام ئالاقىسى كۈچەيدى، سۆزلىشىش سىجىل چوڭقۇرلاشتى، جايلار، ئادىمىيەت ئالاقىسى جەھەتلەردە مول نەتىجە قازاندى. ئاۋىستىرالىيە جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ كۈچلۈك ئېشىشنى ساقلاپ قالغانلىقىدىن تولىمۇ سۆيۈنىدۇ، ئاۋىستىرالىيەنىڭ بۇنىڭدىن ئىلھام ئالىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. ئاۋىستىرالىيە ئىككى ھەر قايسى قاتلام، ھەر ساھە ئالاقىسى ۋە ھەمكارلىقىنى ئۈزلۈكسىز زورايتىپ، ئاۋىستىرالىيە- جۇڭگو مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز راۋاجلاندۇرىدۇ.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى