باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

جۇڭگو پۇقرالار ئاۋىياتسىيەسى ئۇچقۇچىلار ئىنستىتۇتى ئاپتونوم رايونىمىزدىن نىشانلىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدۇ

2017.03.24 13:41         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىنقى كۈنلەردە، مۇخبىرىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، جۇڭگو پۇقرالار ئاۋىياتسىيەسى ئۇچقۇچىلار ئىنستىتۇتىنىڭ 2017- يىلى ئاپتونوم رايونىمىزدىن نىشانلىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى پات ئارىدا باشلىنىدىكەن، تىزىمغا ئالدۇرۇش ۋە يۈزتۇرانە ئىمتىھان ئېلىش خىزمىتى 4- ئاينىڭ 1- كۈنى سائەت 10 : 00 دىن 17 : 00 غىچە (بېيجىڭ ۋاقتى) ئۈرۈمچى شەھەرلىك مېھمان كۈتۈش يولى 1341 نومۇرلۇق جەنۇب ئاۋىياتسىيە مەدەنىيەت مەركىزىدە ئېلىپ بېرىلىدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىم، ھاۋا بوشلۇقى مۇلازىمەت كەسپى ۋە پۇقرالار ئاۋىياتسىيەسىنىڭ ھاۋا بوشلۇقى بىخەتەرلىكىنى قوغداش كەسپىدە ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلىدىكەن، قوبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچىلار ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن جەنۇب ئاۋىياتسىيەسىنىڭ شىنجاڭ تارماق شىركىتىگە نىشانلىق قوبۇل قىلىنىدىكەن.

  ئىمتىھان بېرىش ئارزۇسى بار ئوقۇغۇچىلار، ئۆزىنىڭ 2- ئەۋلاد كىملىك (ياكى نوپۇس دەپتىرى) ۋە يېقىندا يالاڭباش ھالدا ئۇدۇل تۇرۇپ چۈشكەن بىر سۇڭلۇق رەڭلىك سۈرەتتىن ئىككى پارچە ئېلىپ، بەلگىلەنگەن ئورۇنغا بېرىپ يۈزتۇرانە ئىمتىھانغا قاتنىشىشقا تىزىملىتىدۇ، يۈزتۇرانە ئىمتىھاندا لاياقەتلىك بولغانلار سالامەتلىك تەكشۈرۈش ئۇقتۇرۇشى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن ئاندىن سالامەتلىك تەكشۈرۈشكە قاتنىشالايدۇ.

  جۇڭگو پۇقرالار ئاۋىياتسىيەسى ئۇچقۇچىلار ئىنستىتۇتىنىڭ كونكرېت تەلىپىنى بىلمەكچى بولغانلار، شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تورى (http://www.xjzk.gov.cn)غا چىقىپ سۈرۈشتۈرۈپ، يەنە جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى شىنجاڭ شۆبە شىركىتىنىڭ تېلېفونى (0991-3804015)غا تېلېفون قىلىپ مەسلىھەت سورىسا بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر