باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

لوندوندىكى تېررورلۇق ھۇجۇمىدا ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن جىنايەت گۇماندارىنىڭ سالاھىيىتى بېكىتىلدى

2017.03.24 16:19         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئەنگلىيە لوندون ساقچى تەرەپ 23- مارت، لوندوندىكى تېررورلۇق ھۇجۇمىدا ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن جىنايەت گۇماندارىنىڭ ئەنگلىيەدە تۇغۇلغان 52 ياشلىق مەسئۇد خالىد، دەپ بېكىتىلگەنلىكىنى ئېيتتى.

  لوندون ساقچى ئىدارىسى باياناتچىسىنىڭ ئېيتىشىچە، مەسئۇد 22-مارت بىر ئاپتوموبىلنى ھەيدەپ، پارلامېنت بىناسى ئەتراپىدا كىشىلەرنى سوققاندىن كېيىن، ماشىنىدىن چۈشۈپ پىچاق كۆتۈرۈپ قاتىللىق قىلغان، ئاخىرىدا ساقچىلار تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن. مەسئۇد ھەيدىگەن ئاپتوموبىلنى ئاپتوموبىل ئىجارىگە بېرىش شىركىتىدىن ئىجارىگە ئالغان بولۇپ، شۇ چاغدا ئۇ ئۆزىنى ئوقۇتقۇچى، دېگەن.

  باياناتچى: مەسئۇد ئىلگىرى قانۇنسىز قورال-ياراغقا ئېرىشىۋېلىش، جامائەت تەرتىپىگە خىلاپلىق قىلىش قاتارلىق جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلەنگەن، لېكىن ئەزەلدىن ھەر قانداق تېررورلۇق ھەرىكىتى جىنايىتى بىلەن جىنايەت بېكىتىلمىگەن، دېدى. ساقچى تەرەپ مەسئۇدنىڭ ھۇجۇم قىلىشىغا ئالاقىدار ئاخباراتلارغا ئالدىن ئېرىشەلمىگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر