باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېلىمىزدە ئەتىيازلىق تېرىلغۇنىڭ ئۇنىۋېرسال ماشىنىلىشىش نىسبىتى %65تىن ئاشتى

يېشىل، يۇقىرى ئۈنۈملۈك نۇقتىلىق ماشىنا-سايمانلارغا نورمىسىز تولۇقلىما بېرىلدى

2017.03.27 16:26         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: باھار كىرگەندىن بۇيان، جەنۇبتىن شىمالغىچە يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ باش رولچىسىغا ئايلاندى. 26-مارتقىچە، مەملىكەت بويىچە ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ئىشلەپچىقىرىشى ئۈچۈن 6 مىليون 800 مىڭ (يۈرۈش) يېزا ئىگىلىك ماشىنا-سايمانلىرى ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ، 95 مىليون 200 مو يەرنى ماشىنىدا ئاغدۇرۇش، 9 مىليون 420 مىڭ مو يەرنى ماشىنىدا تېرىش، 31 مىليون 60 مىڭ مو يەرنى ماشىنىدا سۇغۇرۇشنى تاماملاپ، ئەتىيازلىق تېرىلغۇنىڭ ئۇنىۋېرسال ماشىنىلىشىش نىسبىتى %65تىن ئاشتى.

  خۇنەن ئۆلكىسى چاڭدې شەھىرى دىڭچېڭ رايونى شيېجياپۇ بازىرى شالنى پۈتۈن مۇساپىلىك ماشىنىلاشقان ئىشلەپچىقىرىشتىكى يادرولۇق ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىدىكى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى كوپىراتىپىنىڭ يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى مەشغۇلاتچىسى: بۇنداق چوڭ ماشىنىلار بولغاندىن كېيىن، ئېتىزلىققا بېرىشىمىزنىڭ ھاجىتى قالمىدى، ماشىنا بىلەن نەچچە مىڭ مو يەرنى ئون نەچچە كۈندىلا ئاغدۇرۇپ بولغىلى بولىدۇ، دېدى. ئېلىمىز بۇ يىل يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ئىشلەپچىقىرىش ئۇچۇر مۇلازىمىتى APPسىنى زور كۈچ بىلەن ئومۇملاشتۇرۇپ، دېھقانلارنى بارمىقىنى مىدىرلىتىپلا، ئېتىز-ئېرىق ئىشىدىن ئەنسىرىمەيدىغان قىلدى. جايلار يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى ئەتىيازلىق تېرىلغۇغا تەشكىللەش ۋە ئۇچۇر بىلەن يېتەكلەش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ھەمكارلىق كوپىراتىپى، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى چوڭ ئائىلىلىرىنىڭ يېتەكلەش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ماشىنىدا ئاغدۇرۇش، ماشىنىدا تېرىش ۋە ماشىنىدا بوشىتىش مەشغۇلاتىنى كۆلەملەشتۈرۈش، تەشكىللەش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ تېز، ياخشى بولۇپ، تېرىقچىلىق مەزگىلىنى ئۆتكۈزۈۋەتمەسلىككە پۈتۈن كۈچى بىلەن كاپالەتلىك قىلدى. مالىيە مىنىستىرلىقى، يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى سېتىۋېلىش تولۇقلىما مەبلىغىنى بالدۇر ئاجرىتىپ، جايلارنى پۈتۈن مۇساپىلىك ماشىنىلىشىش بولۇپمۇ يېشىل، يۇقىرى ئۈنۈملۈك نۇقتىلىق ماشىنا-سايمانلارغا نورمىسىز تولۇقلىما بېرىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، ئەتىيازلىق تېرىلغۇ قاتارلىق ھالقىلىق تېرىقچىلىق مەزگىلىدىكى ئىشلەپچىقىرىش ماشىنا-سايمانلىرىنى تارقىتىش مىقدارىنى تىرىشىپ ئاشۇردى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا

ئالاقىدار خەۋەرلەر