- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
شەرقىي جەنۇب شامىلىنىڭ تەسىرىدە، ئۈرۈمچىدە ھەپتە ئاخىرىدا تېمپېراتۇرا 10 سېلسىيە گىرادۇسقا چىقىدۇ
2017.03.24 15:48 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: سىز ئۈرۈمچىدە تۇرۇۋاتقان بولسىڭىز: 3-ئاينىڭ ئاخىرى بولاي دەپ قالدى، ھاۋا يەنە نېمىشقا ئىسسىمايدۇ، دېيىشىڭىز مۇمكىن. ئالدىرىماڭ، مانا كەلدى. شەرقىي جەنۇب شامىلىنىڭ يېتىپ كېلىشى بىلەن، ھەپتە ئاخىرىدا شەھەرنىڭ تېمپېراتۇرىسى 10 سېلسىيە گىرادۇسقا چىقىدۇ.
23-مارت، مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى مېتېئورولوگىيە ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، كەلگۈسى يەتتە كۈندە، ئۈرۈمچىدە روشەن سوغۇق ئېقىم ئەھۋالى بولمايدىكەن، ھاۋا تېمپېراتۇرىسىمۇ ئاستا-ئاستا يۇقىرى ئۆرلەيدىكەن. بولۇپمۇ 26-مارتتا، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى 10 سېلسىيە گىرادۇسقا چىقىدىكەن، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسىمۇ 0 سېلسىيە گىرادۇس ئەتراپىدا بولىدىكەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا
ئالاقىدار خەۋەرلەر